كېچە
ئەلىجان ۋاھاپ (ئىلكىتاب)
ئەگەر كېچە سىرلىق كېچە پىنھان كېچە،
سەن غەم سەن دە ئاھ زار پىغان كېچە،
مۇھەببەتتىن شارپ ئىچتىم ئاھ قوينۇڭدا،
ئازاب بېرىپ يۈرىكىمنى تىلغان كېچە.
ساقلىغانتىم زار قوينىڭدا يارنى كېچە،
خۇشالەتتىڭ شۇ دەقىقە مەن خارنى كېچە،
تاپتىم سۆيدۈم كۆڭلۈمدىكى دىلدارنى كېچە،
كۆيدۈرۈپ سۆيۈندۈرۈپ ئىپتىخار قىلغان كېچە.
شۇندىن بېرى سۆھبەت قۇردۇق ھەر ئاخشامدا،
يار لېۋىدىن شاراپ ئىچتىم ھەر ماڭدامدا
تۈگمەس ناخشا نىگارىمدۇر ھەر ناخشامدا.
چەكسىز سۆيگۈ مۇھەببەت شادىمان قىلغان كېچە.
يارىم بىرلە سۆيدۈم سېنى رەھمەت كېچە،
بۇ مۇھەببەت داستانىدا ئەزىمەت كېچە،
باشلىقىم راۋابىغا زىل تارىغا زەخمەت كېچە،
ئاي يۇلتۇزى مېۋىسىدۇر بوستان كېچە.
سەندە تاپقان ۋىسال سۆيگۈ ئارزۇسىنى،
سەندە تاپتىم يەنە مۇھەببەتنىڭ قايغۇسىنى،
ئەي كېچە بىلەلمىدىم ئېيتقىنا نېمە دەي سېنى ،
مۇھەببەتكە زۇلمەتكە ھەم سۇلتان كېچە.
ئەمدى ماڭا سەن كۆرۈندۈڭ بەكمۇ زۇلمەت،
بۇ بېشىمغا يامان كەلدى ئېغىر قىسمەت،
بارمۇ ماڭا جۇدالىقتىن يامان كۈلپەت،
ئەي سەن مېنى خار ئەيلىدىڭ زىندان كېچە.
2016-يىلى 29- ئۆكتەبىر
174 قېتىم كۆرۈلدى | otlurung | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-30 1:09:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|