قاغجىرغان قەبرە
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
نەسىر
كۆڭلۈمدىكى گىرىمسەن ھىسلارغا تويۇنغان تۇيغۇىرىم بىلەن ، خىيال تىزگىنىگە بەنىت بولۇپ ، مىھىر تۇلپارىمنى ئات قىلىپ ، قەلىب قەسىرىمدىن چىقتىم . لەكمەڭ – لەكمەڭ تاغلاردىن ، ئۇزۇن – ئۇزۇن دەريالاردىن شەربەت كەبىي زەمزەم سۇلاردا چايقىلىپ كىتىپ بارىمەن .
قۇياش كېچىلىك ئۇيقىدىن ئەمدىلا كۆزىنى ئاچقان ۋاقىت . مەن ئۆز يۇرتۇمنىڭ سالقىن مەما نەمخۇش ، ھەم ساپ ئانا مىھرىنى ئۆزىگە مۇجەسەملىگەن ئىرغىن شاماللارنىڭ يەلپۈشى ئىچىدە نەپەس ئىلىپ كىلىۋاتىمەن . مىھىر تۇلپىرىمنىڭ ئايىقى شۇنچە يىنىك ، خۇددى < قاناتلىق ئارغىماق > دەك لەيلەۋاتىدۇ . ئادەتتە تۇلپارلارنىڭ ئايىقى تەگسە < دىكۇر ، دىكۇر .. > قىپ ئاۋاز چىقىدىغان ، شۇنىڭغا قوشۇلۇپ توپا – چاڭلار كۆتۈرلۈپ چىقىدىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم . توۋا بىر ئۇچۇپ بىر لەيلەپ كېتىۋاتقان بۇ تۇلپۇرىمنىڭ تىۋىشلىرى ئۇجۇقۇپ ، ئۇنىڭ تۇيىقى تەككەن جايدىن قىزىل گۈللەر ئۈنىشكە باشلىدى دىسە .
شۇ ماڭغىنىمچە بىر يەرگە كېلىپ توختىدىم .
- قەبرە ! . ئىختىيارسىر ئۇرغۇلۇق ۋارقىرۋەتتىم . راس ، مەن تۇيغۇلىرىمغا جۆر بولۇپ بۇ تەكلىماكان ئوتۇرسىدىكى ، چەت ، خىلىۋەت ماكانىڭ پانىي ئالىمى بولغان قەبرىستانلىققا كېلىپ قالغان ئىدىم .
ئالدىمدا زۇمچەك – زۇمچەك قەبىرلەر . مەن ئىختىيارسىز مىھىر تۇلپىرىمدىن چۈشۈپ قەبرىستانلىققا شۇڭغۇدۇم . خىيال تەرپىدىن كىشەنلەنگەن پۇتلۇرۇم تىتىرمەكتە ئىدى ، لېكىن مەندە قورقۇشتىن ئەسەرمۇ يوق .
تىترەك ئولاشقان شۇ پۇتلىرىمغا تايانغان تىنىم كىتىپ بارىدۇ . كۆزلىرىم ئاللىقانداق بىر نەرسىلەرنى ئىزدىمەكتە . سىنچىلاپ قاراپ ئىچكىرىدىكى جۈپ قەبرىگە كۆزۈم چۈشتى . ئىختىيارسىز ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئاتتىم .
بىرىپلا بايا تىترەۋاتقان پۇتلۇرۇم شۇ قەبرىگە تىزلاندى ، كىرىش ئالدىدا ياشلانغان كۆزلىرىمدىن ياشلار يامغۇردەك چۈشۈشكە باشلىدى .
ئىغىزىم ئالىقاچان تۇپراقنى سۆيۈپ بولغان . مەن شۇنىڭغا قارىماي بىر ئۇچۇم تۇپراقنى ئالدىم دە ، كۆزلىرىمگە ، يۈرۈكۈمگە سۈرتۈشكە باشلىدىم .
تىنىم ، ياق يۈرۈگۈم تىتىرمەكتە ! ئازاپلىق پىغانلار جىسمىمنى قىينىماقتا . روھىم پۇچىلانماقتا . خىيال ئەينىكىمدە ئىلگىركى مەن ، ھازىر قەبرە ئىچىدە ساماۋىي ئۇيقىغا كەتكەن بوۋام ۋە مومام زاھىر بولماقتا . يۈرۈكۈم موجىلماقتا ، نەچچە يىل مابەينىدە ئوقۇش ، تۇرمۇش ، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە خىيال كىشەنلىرىگە بەنىت بولۇپ كەلگەن مىنى شۇ قەبرىدە يىتىۋاتقان پەدەرى بۈزىرىكلىرىمنىڭ چىقىپ ئۇچۇقداپ قويشىنى شۇنچە ئارزۇ قىپ كەتىمكى ھەييات ...
قاچانلاردا تۇرغىنىمنى ئۇقمايمەن . قەبرىدىن يۈرۈگىمنى خەنجەر بىلەن تىلىپ تۇرۇپ ئايرىلدىم . بايىقى جايغا كەلسەم مىھىر تۇلپىرىم يوق . كىتىۋاتىمەن ، كىتىۋاتىمەن ! قەدەملىرىم شۇنچە ئىغىر . بايىقى مىھىر تۇلپىرىمنىڭ تۇيىقى تىگىپ گۈللەر ئۈنگەن شۇ يولدا پۈتۈنلەي تىكەنلەر باش كۆتۈرگەن ئىدى .
تىكەن ئۈستىدە مىڭىۋاتىمەن . تۇيۇقسىز :
- ئارقاڭغا قارا ! دىگەن نىدا زاھىر بولدى . بىر قارىغىنىمنى بىلەمەن ، ھەمە يەر قان . بۇ قانلار مېنىڭ پۇتۇمدىن چىقانئىدى . قورقۇپ ئەندىكىپ كەتتىم .
تۇيۇقسىز ئاسماندا بىر توپ قاغا – قۇزغۇنلار پەيدا بولدى . ئۇلار مېنى كۆرۈپ چىل بۆرە ئولجىسقا شىدەت بىلەن ئىتىلغاندەك ھۇجۇم قىلدى . مەن قارشىلىق بىلدۈرەي دىدىم يۇ ئامالسىز قالدىم . چۈنكى ئالىقاچان مېنىڭ تىنىملا ئەمەس ، روھىيتىممۇ بىر ساماۋىي كۈچنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئۆتۈپ بولغان ئىدى . ئۇلار مېنىڭ تىنىمنى مۇردىنى چوقۇلىغاندەك چوقۇلىماقتا . لېكېن مەندە قارشىلىق يوق ...
تۇيۇقسىز كۆڭۈل ئىكرانىم يورۇشقا باشلىدى . مەن ئازاپ دەستىدىن تىكەن ئۈستىدە تولغىنىۋاتقان تىنىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم . كۆڭۈل ئىكرانىمدا شۇنچە ئىزەت ئىكرام بىلەن ئىككى ئەزىز تەن بايىقى قەبرىستانلىققا ، بايا مەن تىزلانغا شۇ قەبرىگە ئىلىپ كىلىنىپ تۇپراق بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى . كىيىن مەن ئەل ئۆمۈرىمدە كۆرۈپ باقمىغان جاۋاھىراتلاردىن يادىكار مۇنالىرى تىكلەندى . بۇ دەل رەھمەتلىك بوۋام – موماملارنىڭ مۇسىبىتى ئىدى . كېيىن بۇ قەبرە ئادەم ئەمەس ، قاغا – قۇزغۇنمۇ بارماس دەرىجىدە بولۇپ كەتتى ...
كۆڭۈل ئىكرانىمدىكى شۇ كۆرىنىشلەرنى كۆرىۋىتىپ تىنىمدىن بىر نەرسە ، ياق مۇقەددەس روھىم تىنىمدىن ئايرىلدى دە ، باتىقى قاغا – قۇزۈۇنلار روھسىز تىنىمنى كۆتۈرۈپ قەلىپ قەسىرىمدىكى يەنە بىر ئازاپ قەبرىسىگە مەھكۇم قىلدى ....
2017- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى ، پەيشەنبە ، ئۈرۈمچى .
| 185 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-6 23:21:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|