كاج ئىكەن پەلەك - ساۋاقدىشىم تۇرسۇنجان توختىنىڭ روھىغا بىغىشلايمەن

كاج ئىكەن پەلەك

 

 

(ساخاۋەت سەركىسى چەرچەن ئۈمىد نۇرى ساخاۋەتچىلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ساۋاقدىشىم تۇرسۇنجان توختىنىڭ روھىغا بىغىشلايمەن )

 

ئۆچتى چەرچەندىن بىر نۇرلۇق يۇلتۇز،

 چەرچەن ئاسمىننى قاپلىدى مۇسىبەت.

 كەتتى ئارمانلار ئىز بېسىپ بىللە،

 كەتتى ھەم بىللە جاسارەت غەيرەت.

 

 گەرچە تارىتسىمۇ ئالەمچە ھەسرەت،

 باش ئەگمىگەن ئۇ تەقدىرگە بىررەت.

 مىھىر ئېلىپ ماڭغان باش بۇلۇپ ھەردەم،

 كەلسە يوقسۇلنىڭ بېشىغا بىردەرت.

 

 نامرات دىھقاننىڭ قاياشى ئىدى،

 يىتىم يىسىرغا باش پاناھ ئىدى.

 ھېچ بىر ئويلاپمۇ يەتمىدى ھېچكىم،

 كەلدى ئۇنىڭغا قانداق بىر قىسمەت.

 

قىلغان ئىشىدىن قىلمايتى مىھنەت ،

 ياتالاشمىغان ئازراقمۇ شۆھرەت.

 تەقدىر شۇنداقمۇ قىلدىغۇ چاقچاق،

 بەرمەي ئۇنىڭغا ئارمانغا پۇرسەت.

 

مىھىر شەپقەتنى ئارمان قىلىپ ھەردەم،

كەزگەن ئۇ تالاي تاغ داۋانلارنى.

 تەقدىر يۇلىنى توسسىمۇ ھەر رەت،

 يەڭگەن ئاخىىرى قىلىپ كۆپ غەيرەت،

 

 ياخشىغا يوقمىكىن ياكى دوسلار كۈن،

 ھەقىقەتەنمۇ كاج ئىكەن پەلەك.

ئەجەل رەھىمسىز ئىكەن ئاخىرى،

 ئىلىپ كەتتى ئۇنى قالدۇرۇپ ھەسرەت.

 

 كەتتى ئوغلىمۇ،ھەمرايىمۇ ھەم،

 ئىزىلدى زىمىن ،ئىزىلدى يۈرەك.

 دىدىمىكى يا تەقدىر ئۇنىڭغا،

 ئۇدۇنيادىمۇ بولسۇن يار يۈلەك.

 

 قالدى ئابىدە غېرىپ،يىگانە،

 دوست يارەنلەرگە بۇلۇپ ئامانەت.

 بەردىمىكى يا تەقدىر ئۇنىڭغا،

ئاتا ئىزىنى باسقىلى پۇرسەت.

 

 -ئۈمۈت 2016.1.1





92 قېتىم كۆرۈلدى ئاتىكەم ئەيسا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-1 14:51:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ