ئانام (شېئىر ) - ئابدۇخالىق ئەھەت تەقدىر

ئانام

ئابدۇخالىق ئەھەت تەقدىر

ئانام تېمەن ۋاقتىدا بىرگە شەھەر ئايلانغان،
پولۇ ئەتكەچ ھەرۋاقىت ئېغىزىمىز مايلانغان  .

ئانا سەنسىز ئوغلۇڭنىڭ ئىشتانلىرى قاتلاشقان ،
پەرزەنتىڭنىڭ يولىدىن باشقا بىرى ئاتلاشقان .

ئانام بولغاچ يېنىمدا ئويلاپ چىققان مەن ئايغا ،
يايلاقلاردا ياشاي دەپ ساراي سالغان مەن سايغا.

ئاناسەنسىز ئۆستۈڭۈمدە سۈزۈك سۇلار ئاقمايدۇ ،
ئانا سەنسىز ياخشى سۈزۈم باشقىلارغا ياقمايدۇ .

كۆزۈم ئوچۇق دۇنيادا ئانا چېھرى مەس بولدۇم ،
گەرچە خاقان بولساممۇ  ئاناسى يوق پەس بولدۇم .

ئانا سەنسىز ھەر شەھەر خارۇ -زارۇ ۋەيرانە ،
بۇشاھىتقا تاغ -زېمىن بۇلۇتلارمۇ ھەيرانە .

2016.1.7

ئۈندىدار:
13009699741
ئەسلى پېتى بەھىرلەنگەيسىز

     





255 قېتىم كۆرۈلدى takdir ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 21:23:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-21 7:06:47 ئالىم مەتتۇردى
يارايسىز تىخىمۇ تىرشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ