يىڭى يىللىق سالام يەتسۇن قېرىنداشلار !
(مەۋلىدە ئىسرائىل )
ئانا يۇرتقا سۆيگۈ تۆككەن قەلىبداشلار،
كانغا كۆيگەن، كاننى سۆيگەن يۇرتداشلار .
چەكسىز ئۇتۇق تىلەپ ھەر بىر ئىشىڭلارغا،
يېڭى يىللىق سالام يەتسۇن قېرىنداشلار !
يۇرتنىڭ ئوتى پەرزەنتلەرگە مۇقەددەس ئوت،
ئوتتا كۆيگەن ئەزىزلىرى گۈللىتەر يۇرت ،
دەيدۇ يۈرەك يۇرت -ئەل بىلەن نەپەسداش ئۆت ،
يېڭى يىللىق سالام يەتسۇن قېرىنداشلار !
ئامان تۇرۇپ ئۆي ئىچى ھەم بالىلىرىڭلار،
ئوقچۇپ ئىقىپ تومۇردىكى قانلىرىڭلار،
سىھھەت بولغاي ھەركۈن ئەزىز جانلىرىڭلار،
يېڭى يىللىق سالام يەتسۇن قېرىنداشلار !
تىنچلىقتا قايناقسۇمۇ تېتار تەملىك ،
ئەڭ ئەۋزىلى ئىنسان ئۈچۈن خاتىرجەملىك ،
ئامان-ئېىسەن يۈرگەيسىلەر بولماي غەملىك،
يېڭى يىللىق سالام يەتسۇن قېرىنداشلار !
ئىشچانلارغا ھوسۇل تۆكەر ئىش ۋە ھەرىكەت،
تىرىشچانلىق خەلقىمزگە ئۇدۇم خىسلەت ،
ئېلىپ كەلگەي بۇ يېڭى يىل يۇرتقا بەرىكەت ،
يېڭى يىللىق سالام يەتسۇن قېرىنداشلار !
پورەك ئاچقاي مېھىر بىرلە سۇغۇرغان گۈل،
ئۆتۈشكەيمىز ساخاۋەتتە ئىزدەپ كۆڭۈل ،
تەڭ كۈلەيلى سائادەتتە تۇتۇشۇپ قول،
يېڭى يىللىق سالام يەتسۇن قېرىنداشلار !
| 111 قېتىم كۆرۈلدى | مەۋلىدە ئىسرائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-31 22:57:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|