بىلمىدىم
 بىلمىدىم
 
(ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم)
 
ئوڭ يېنىمغا قارىسام ئوخشىمايدۇ سۇل يېرىم،
نىمە مۇنداق بولىدۇ،ھېچ بىلمەيمەن -بىلمىدىم.
دوستلىرىمدا ۋاپا يوق،ئۇنى يامان دىمىدىم،
زامان شۇنداق ئوخشايدۇ،ئۇنى مۇنداق دىمىدىم.

قېز-جۇۋانلار ئوينىشىپ ،يولدا ئويناپ بالىلار،
نىمە مۇنداق قىلىدۇ،دەرىس بىلمەي بالىلار.
ئويناقلىشىپ چوكانلار چۈشمەي قولدىن ئۈندىدار،
باشقا ئىشلار يوقمىتى ئويلىمايمىز بىلمىدىم.

كوچىلاردا لاغايلاپ،ئىشقى ۋازلىق قىلىسەن،
زەھەر چەككەن بالىلار،نىمە مۇنداق قىلىسەن.
ئۆندىرەيسەن تۇرمايسەن،قا،زامانغا باقىسەن،
نىمە مۇنداق خارلىنىپ جانغا زالىم بولىسەن.

ناخشا ئەيتىپ سەنىدە،ئۆزنى ماختاپ باقىسەن،
ھېچ بىلمەيمىز ئەخلاقنى شۇنچە يېراق بىلىسەن.
ھالال ئەمگەك ئېشىدىن ھارماي-تالماي ئېچىسەن،
بۇلغاپ ئۇنى شۇنچە سەن،ئويلىمايمىز بىلمىدىم.

ھالال ياشاپ يۈرگەنلەر نىمگە مۇنداق قىلىدۇ؟
ئويلاپ كۆرسەك شۇندىلا،ھەق تېگىگە يېتىسەن.
ھېممەت بىلەن ئۇلارغا سۆيگۈ ھەرەم قىلىسەن.
مىننەت قىلما ئىشلاردا،مىھرى شەپقەت قىلىسەن.

گۈزەللىكنى بىلمىسەڭ،نىمگە چوڭلىق قىلىسەن،
چىن سۆيگۈ يوق بىزلەردە،گەپتانلىقنى قىلىسەن.
نىمگە مۇنداق قىلىمىز ئاقىۋەتنى ئويلىماي،
ھېساپ يوقمۇ جاھاندا،ئۆزىمىزگە پايلىماي.

ھېساپ كىتاپ كەلگەندە ئۇندىن يېراق قاچىسەن،
شۇندا تىترەپ تۇرالماي جان قايغۇستا قالىسەن.
ئويغان ئەمدى ئۇيقىدىن،ئوڭ يېنىڭغا قارىغىن،
گۈزەللىكتىن نەپ ئىلىپ،ياخشىلىققا ئۈندىگىن.

يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ،شور بولاقنى تاشلىغىن،
ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ،توغرۇلۇقنى باشلىغىن.
ھىممەت بىلەن ئۈگۈنۈپ،گۈزەللىكنى باشلىغىن،
شۇنداق قىلساڭ ھەممىدە،خۇشالمۇ سەن بىلمىدىم.
 
ـــ شىپائى 2016-يىلى 28- يانۋار


 




248 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-28 19:58:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-3 11:12:19 ئ‍ابدۇسالام
ياخشىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ