سەنىسىز (شېئىر) - بۇخەلچەم ھۈسەن

سەنىسىز (شېئىر)

 بۇخەلچەم ھۈسەن


چىن سۆيگۈڭگە ئىدىمغۇ مۇھتاج ،
 نەچارەم بار ئاجىزمەن ئاجىز .
  ئويلاپ قالدىم تەلىيىم بەك كاج ،
 ھەسرەت پىغان كۈنلۈرۈم سەنسىز .

كېچەلمەيمەن سەندىن ھەر زامان ،
چىن سۆيگۈمنى چۈشەنسەڭ چەكسىز .
گۈلدەك چىراي بولدىغۇ سامان ،
ئۆتەرمەنمۇ جەننەتتە سەنسىز .

 سېغىنىمەن كۈندە كۆرسەممۇ ،
 ياشاپ ئۆتسەم  غەمسىز ۋە دەرتسىز .
قۇچاقلىرىڭ ئىللىق باھارمۇ ،
سەرسانىمەن ۋەيرانە سەنسىز .

  ئارمانىم شۇ سەن بىلەن ياشاش ،
 ياش غۇنچىدەك خۇددى غوبارسىز .
تۈكۈلەرمۇ يامغۇر كەبى ياش،
ئاچچىق ئازاپ كۈنلۈرۈم سەنسىز .
     





76 قېتىم كۆرۈلدى بۇخەلچەم ھۈسەن (پىنھان ) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-24 7:38:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-26 13:01:11 پەرھاتجان تۇردى‹بۇلاق›
ياخشى يىزىپسىز قىرىندىشىم مەن ياختۇردۇم .مانى مەن ئشلىتىپ بىرەي .ئالاقىلىشىڭ يەكەن.پەرھاتجان تۇردى‹بۇلاق› چچ-2591242829 ــ تىلفۇن-15909043804
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ