ھايات كارۋىنىدا - ئىمىنجان ئابدۇرىھىم

ھايات كارۋىنىدا 

 ئىمىنجان ئابدۇرىھىم


 مەن كۈلگەندە سەن يىغلىغانتىڭ،
كۈلدىڭ يەنە مەن يىغلىغاندا·
مەن يۆلىدىم يۈگىرەپ بېرپ،
بۇسەپەردە سەن يىقىلغاندا·

مەن سۆرىگەن كارۋاننىڭ ئ‍وقى،
يېرىم يولدا سۇنسا غاراسلاپ·
سەن چۈشمەستىن ھارۋا ئ‍ۈستىدىن،
كۈلۈپ كەتتىڭ راسا قاقاقلاپ·

چىكەتكەندەھارۋاڭنىڭ يىلى،
يۈكلىرىڭنى ئ‍الدىم يەلكەمگە·
سۇ چېچىشىپ ئ‍وينىدىڭ يەنە ،
بىزنىڭ ئ‍ۆيگە كەلكۈن كەلگەندە·

ئ‍وت كەتكەندە ئ‍ۆيۈڭگە ئ‍اخشام،
دەريادىن سۇ ئ‍ەكىلىپ چاچتىم·
زىرائىتىم قۇرۇپ كەتسىمۇ،
سۇكەلگەندە يېرىڭگە ئ‍اچكارۋىن ·

بىز چىققان بۇ ھايات كارۋىنى ،
يېقىنلايدۇ ئ‍ۆلۈمگەھامان·
بەر قولۇڭنى گىرەلەشسۇن قول،
تەڭ كۆكلىسۇن دىللاردا ئارمان ·
     





35 قېتىم كۆرۈلدى ئىمىنجان ئابدۇرىھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 11:07:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ