كىم بار - نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى

كىم بار

نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى


ھەسرىتا باغرىم قان بىلەرگە كىم بار.
ماڭا شاد ئامانلىق تىلەرگە كىم بار.
قىسمەتكە پۇتلىشىپ يىقىلسام نىمجان،
شۇئاندا يۈگۈرۈپ كىلەرگە كىم بار.

پاك روھىم دەشتىدە تەنلىرىم سەرسان.
بىلمىدىم ھاياتنىڭ سىرلىرى پىنھان.
بىر ئازاپ دىلىمنى كەزمەكتە ھەريان،
مىھرىدىن مىنى چىن سۆيەرگە كىم بار.

شۇم پەلەك جىسمىمغا ئۇرماقتا بازغان.
ۋاي ئىسىت،ئۆتمۈشتە مىھرىمنى قازغان.
ئۈنمەكتە يولۇمغا شۇمبۇيا ئازغان،
قولومنى تۇتۇپ چىڭ يۈرەرگە كىم بار.

ئۆمۈرنىڭ ھەركۈنى ئىكەن بىر داۋان.
بەرداشمەن ۋەلىكىن قالدىم ناتىۋان.
كۈتۈپتۇ كىلىشىم بىرەھىم قاۋان،
مەن بىلەن يەڭنى بەك تۈرەرگە كىم بار.

تەغدىرگە تۈگۈنلۈك قالىمەن ھەيران.
بولامدۇ زەررىچە بەخىتمۇ ۋەيران.
سائادەت تاپماققا نە ئۇزاق جەريان،
ھەسرەتتە تەڭ ئاچچىق كۈلەرگە كىم بار.

قەلبىمدە كۆيمەكتە ئەلەملىك ئارمان.
يوق،نە مەن نە قۇياش ھىچكىمدە دەرمان.
پىشانەم مىسكىنلىك پۈتكەنمۇ پەرمان.
بۇ دەردنى مەن بىلەن يۈتەرگە كىم بار.

قىچىشتىن ئاراملىق بولمىدى ئايان.
تەشۋىشنىڭ قىيانى بارساممۇ قايان.
بىنىشان،ئەرزىمنى قىلساممۇ بايان،
تەشنامەن يۆلەككە،يۆلەرگە كىم بار.

ئىچىمدە،قاراڭغۇ ئۈنسىز ھۆكۆمران.
يىنىمنى ئايلىنار مۇدھىش شىۋىرغان.
چىقارمىش بەلكى مەن ئۆلسەم سىغىنغان،
دەرىخا مىنى ياد ئىتەرگە كىم بار.

ئوڭومدا چۈشۈمدە غايىۋى گۈلخان.
ئاخىرقى ئۈمىدمۇ ئەيلەندى پايخان.
ئەسىرى مەن باغلاق سىھىرلىك ھىجران،
بۇ ئىشىق،سەبىرداش ئۆلەرگە كىم بار.


2016-10-22-كۈنى شەرئى
     





75 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-23 0:59:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ