بەخىت ئ‍ارزۇسى

بەخىت  ئ‍ارزۇسى

 

ھەسەنجان ئ‍ارىپ

 

تىمتاس ئ‍ىدى بۇ قەلبىم دېىڭىزدەك سىرلىق،

 سەكرەپ چۈشتۈڭ باغرىغا شۇنداق يېقىملىق.

 بىلدىم شۇ دەم بۇ بەك شىرىن مۇھاببەت ئ‍كەن ،

ۋىسالىڭدا جان تاپتى ئ‍ەمدى يىتىملىق.

 

 توۋا دەيمەن مۇھاببەتمۇ شۇنداق بولامدۇ،

 قايتا باشتىن تىرىلگەندەك بولدۇمغۇ بۈگۈن.

 قۇدرىتىڭدە كۆيدى يۈرەك سۆيگۈم تەڭداشسىز ،

يۇرۇپ دىلىم، قايغۇ تامام، يوقالدى تۈگۈن .

 

بۇرۇن قىيناپ ئ‍ۆتۈپتىكەن مىنى تەنھالىق ،

كۆڭلۈم يېرىم دىلىم سۇنۇق،يوقتى خۇشاللىق.

 سەن سەۋەپلىك ھاياتىمغا قۇشۇلدى شاتلىق،

 قەدىرلەيمەن سەن مەن ئ‍ۈچۈن تېپىلماس بايلىق.

 

 سەن بېغىمدا ئ‍ېچىلغان ھاياتلىق گۈلۈم،

 تىلىگىم شۇ ساداقىتىڭ بولسىكەن پۈتۈن.

 ئ‍ارزۇلىرىم،ئۈمۈدلىرىم بولمىسۇن بەرباد،

 قوللىرىڭدا قايناپ قازان چىقسىكەن تۈتۈن!

 

 2016-يىل-29-يانىۋار ھەسەنجان ئ‍ارىپ (ئ‍اۋات ناھىيە يېڭرىق يېزىسىدىن)





310 قېتىم كۆرۈلدى ھەسەنجان ئ‍ارىپ ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-31 11:25:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ