بىكار (غەزەل) - ئـابـدۇرېــھـىم ھــېـجـرانـى

  بىكار

ھەسەت قىلىپ باشقىلارغا شۆلگەيلېرىڭ ئاققان بىكار.
شىرىن چۈشلەر قوينىدا خورەك تارتىپ ياتقان بىكار،

گەرچە ئىتلار قاۋىشار كارۋان يۇلىدىن قايتمىغاي.
شەيتانلېرىڭ ئازدۇرغىنىدا غورۇر ۋىژدان ساتقان بىكار،

ھەسەت خورنىڭ ئۆمرى كوتا بىر پۇتى گۆردە بۇلۇر.
زارلىنىپ ئۆز تەغدىرىدىن نالە ھازا ئاچقان بىكار،

دانالاردىن قالغان بۇ سۆز نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۈشۈك.
ئەل ئالدىدا رەسۋا بۇلۇپ ئۈزىنى ئوتقا ئاتقان بىكار،

قارا نىيەت سۇخەنچىدىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ.
سۇخەنچىغا ياخشىلىق قىپ كەڭرى قۇچاق ئاچقان بىكار،

قورقماس ئىكەن پايدا ئۈچۈن ئەلنىڭ ئاققان كۆز ياشىدىن،
ھارام دۇنيا يىغىپ قۇيۇپ خەيرى ئىھسان قىلغان بىكار.

ۋاقىتسىزلا ئەجەل يىتىپ تەندىن روھلار ئاجرىغاندا،
ئەزرائىلغا مىڭ يالۋۇرۇپ ئاھۇ نالە قىلغان بىكار.

دوپپىسىنى ئىپ كەل دىسە باشنى كىسىپ ئېلىپ بارغان،
قان يىغلايدۇ ھامان بىر كۈن كىيىن پۇشايمان قىلغان بىكار.

ئاپتورى:   ئـابـدۇرېــھـىم  ھــېـجـرانـى🎓





12 قېتىم كۆرۈلدى Battry ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-11 17:26:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ