ئ‍ەي شامال - ئ‍ابلىتىپ توختاسىن

ئ‍ەي شامال

 

ئ‍ابلىتىپ توختاسىن

 

 ئ‍ەي شامال دەردىمنى ئ‍ىلىپ كەت يىراق،

 قالمىسۇن دىلىمدا يىشىلمەس خىيال .

ئ‍ۇچۇرغىن دەردىلىرىم ئ‍ەيلىسۇن پەلەك،

يىراقتا قالغان يار كۆرەر ئ‍ېھتىمال.

 لىۋىمگە سۆيۈپ ئ‍ۆت ھىدلىرىڭ بىلەن ،

زوقلىناي سۆيگۈنىڭ دىمىدە بىردەم .

ئ‍ازابىنى يوقاتسا شامال بارخنىڭ،

 ھاياتقا تاشلايمەن يىڭى بىرقەدەم.

 ئ‍ەي شامال ساڭا بىر خەتنى تاپشۇراي،

 يىراقتىكى يارىمغا يازغىنىم ئ‍اتاپ .

بىر كۆرۈپ كەتمىسە بولمايدۇ مىنى،

 شۇ يارنىڭ ئ‍ىشقىدا بولىمەن بىتاپ.

ئ‍ەگەر ئ‍ۇ بىرتاتلىق ئ‍ۇيقۇدا بولسا،

سۆيۈپ قوي مەڭزىگە لىۋىمنى ياساپ.

 

 2016-3-19





215 قېتىم كۆرۈلدى ablitipt ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-20 22:23:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-23 11:32:48 ablitip
ئ‍ويغاتماڭلار ئ‍انامنى ئ‍ەسلا ئ‍ابلىتىپ توختاسىن ھىچبىر ئ‍ارام تاپمىغان ئ‍انام، تىنىچ جايغا راسلاپتۇ ئ‍ورۇن. ئ‍ويغاتماڭلار ئ‍انامنى ئ‍ەسلا ، مەن بارغۇچە ئ‍ۇخلىغاچ تۇرسۇن. تۈڭلىكىنى ئ‍ېتىڭلار مەھكەم، چۈشلىرىنى بۇزمىسۇن شامال. ئ‍ويغاتماڭلار ئ‍انامنى ئ‍ەسلا ، چۈشلىرىدە مەن بار ئ‍ېھتىمال. دادا كۆچەت تىكىڭ بىشىغا، چىچەككە بەك ئ‍امراقتى ئ‍انام. ئ‍ويغاتماڭلار ئ‍انامنى ئ‍ەسلا ، تۇز سەپكەندەك بولىدۇ يارام. بالام دەپلا ئ‍ۆتكەن بىرئۆمۈر، ئ‍ائىلىگە چىچىلغان ھىدى. ئ‍ويغاتماڭلار ئ‍انامنى ئ‍ەسلا ، بۇ ئ‍انامنىڭ تۇنجى ئ‍ۇيقۇسى. 2016-3-22
2016-3-21 13:06:17 ئارزۇ
ياخشى يېزپسىز داۋاملىق تىرشىڭ !!!!!! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ