مەن كەتتىم
زۇلمىرە ئەلى
كەتتىم، ئۆزۈمدىن پۇرقەتكە كەتتىم،
قۇياشتا ئىدىم، زۇلمەتكە كەتتىم.
.
چېقىلدى كۆڭلۈم دەردنىڭ قولىدا،
سېغىنىشىمدىن ھەسرەتكە كەتتىم.
.
ئاقماقتا سۈكۈت گۈلنىڭ چۆلىدە،
مۇھەببىتىمدىن نەپرەتكە كەتتىم.
.
كۆيمەكتە ۋاقىت يالغۇزلۇقۇمدا،
قەلبىمنى ئېلىپ خىلۋەتكە كەتتىم.
.
كەستى جېنىمنى قاقشال پىراقلار،
تۈندەك بىپايان كۈلپەتكە كەتتىم.
.
سۆزلەر چاكۇ-چاك قوندى لېۋىمگە،
ھىجران بىلەن ئېھ، سۆھبەتكە كەتتىم.
.
چۆكمەكتە ئۆزۈم جىمجىتلىقىغا،
ئايدەك قاراڭغۇ قىسمەتكە كەتتىم.
| 53 قېتىم كۆرۈلدى | زۇلمىرە ئەلى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-1 15:13:33 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|