مەرىپەت ئ‍وغلى : زۇلمەتلىك بىلىنەر سەنسىز بۇ جاھان

زۇلمەتلىك بىلىنەر سەنسىز بۇ جاھان

 

 

ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)

 

  

باھاردا سېغىنىش ئەۋەتتىم ساڭا ،

تاپقايسەن چېچەكلىك باغلاردىن جېنىم.

ئ‍ەسكە ئ‍ال يار مېنى تۇزىسا چېچەك،

چېچەكتەك يۈرۈگۈم بولدى مىڭ تىلىم.

  

 

ئ‍ىشقىڭدا سارغايغان،قاقشال بىر تەنمەن،

ئ‍ەلەملىك كۆز ياشنىڭ ھەسرەتلىرىدە.

ھاياتمۇ قىممەتسىز بىلىنەر شۇ تاپ،

ئ‍ۈمىدسىز ياشاشنىڭ پۇرقەتلىرىدە.

  

 

كۈلسەممۇ چىرايدا ساختا تەبەسسۇم.

قېرىنداش،دوسىتلارمۇ ماڭا ناتۇنۇش،

زۇلمەتلىك بىلىنەر سەنسىز بۇ جاھان،

ئ‍ۆلتۈردى ۋىسالسىز ئ‍اچچىق ئ‍اھ ئ‍ۇرۇش.





133 قېتىم كۆرۈلدى maripatoghl ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-27 19:34:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ