جېنىم ئانا، مېنى كەچۈرگىن (ئاۋازلىق) - ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

جېنىم ئانا ، مېنى كەچۈرگىن
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
(جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ئازغۇن ياشلار تىلىدىن)


 (1)

جېنىم ئانا،مېنى كەچۈرگىن. بەڭۋاش بالاڭ قەبرەڭ ئالدىغا سېنى يوقلاپ كەلدى.شۇ تاپ ئاچچىق ئازاب دەستىدىن يۈرىكىم  ئۆرتىنىپ،پۇشايمان ياشلىرىم سەلدەك ئاقماقتا . سېنىڭ قۇياشتەك ھارارەتلىك باغرىڭغا تەلپۈنگەن ۋىجىك جىسمىم لاغ- لاغ تىترىمەكتە.مېنى بوينۇڭغا مىندۈرگەنلىرىڭ ھېلھەم ئېسىمدە.ماڭلايلىرىمغا سۆيگەنلىرىڭ خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا كۆز ئالدىمدا جېنىم ئانا.

مانا قارا! ھايات ۋاقتىڭدا قەدرىڭنى بىلمىگەن ئازغۇن  ئوغلۇڭ، بۈگۈن كەلمەسكە كەتكىنىڭدە پۇتى بىلەن ئەمەس بېشى بىلەن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك  ئۈزى ئالدىڭغا سالامغا كەلدى ئانا  !!! شۇتاپ ئانسىدىن ئايرىلغان بوتلاقتەك زارلاپ تۇرۇپ ساڭا ئېيتىۋاتقان يۈرەك سۆزلىرىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ جۈپ قانتىدىن ئايرىلغان ساياق ئوغلۇڭنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى كۆرۋاتامسەن ئانا؟ياكى ۋاپاسىز ئوغلۇڭنىڭ تولىمۇ كېچىككەن سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن خىرەلەشكەن كۆزلىرىڭنى مەھكەم يۇمۇپ،بۇ دۇنيانىڭ غەملىرىدىن خالى بولغان تىمتاس ماكاندا شېرىن ئۇيقۇغا كەتتىڭمۇ ؟ <

شۇنداق، شائىرلار مىسرالاردا تەسۋىرلىگىنىدەك ،قۇش پاچكىسىغا ئوخشاش  قىزىل ئەتلىك گۆش ئىدىم.كۆكسۈڭدىن  ئاپئاق  ھەم ھالال سۈتۈڭنى ئىمىپ چوڭ بولدۇم .مېنى قاتارغا قوشقۇچە كېچە- كۈندۈز قىزارغان كۆزلىرىڭنى يۇمماستىن بۈشۈك تەۋرەتتىڭ. ئاغزىڭدا دان- سۇ  تۇشۇپ باقتىڭ.ناننىڭ كۆيكىنى،ئاشنىڭ مۇزلۇقىنى يىگۈزمىدىڭ. ئۈزۈڭ نەچچە يېرىگە ياماق چۈشكەن ماتا كۆڭلەك،رەڭگى ئۆڭۈپ تارىلىپ كەتكەن تاۋار چاپان  كىيسەڭمۇ، ماڭا يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىپ ئۈستۈمگە قىلچىلىك چاڭ- تۇزان قوندۇرمىدىڭ.مېنى ئىككى قوللاپ بېشىڭغا ئېلىپ كۆتۈردۈڭ.مەھەللە-كوي  ئالدىدا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ <

(2)

ئاق-قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك بولغىنىمدىن تارتىپ ماڭا  دائىم دېگۈدەك پەنىد-نەسىھەتلەرنى قىلاتتىڭ.<

قىسقىسى  ھەر بىر يېشىڭنى خۇددى ئون يىلدەك ياشاپ ،جەۋرۇ -جاپا دەستىدىن جۈدەپ كېتەتتىڭ. مېنى بولسا پاكىز كىيىۈندۈرۈپ ئازادە سىنىپلاردا ئوقۇتاتتىڭ. 

ئارزۇ قىلغىنىڭدەك ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغىنىمدا خۇشاللىق ياشلىرىڭنى تۇتالماي ماڭلايلىرىمغا سۆيۈپ ئېسەدەپ كەتكەن ئىدىڭ ئانا.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش جەريانىدا تەۋەرۈك كالىمىزنىمۇ سېتىشتىن سىرىت ، باشقىلارغا ئىش ئەمگەك قىلىپ بېرىش ھېساۋىدا نۇرغۇن قەرىزلەرگە بوغۇلۇپ كېتىپسەن.

مەن دەسلىۋىدە تىرشىپ ئۆگەندىم.بارا- بارا باشقا باللارغا ئوخشاش ئېسىلزادىلەرچە ياشاپ باققۇم كەلدى . ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ باقتىم،تاماكا ،نەشە چېكىپ باقتىم.بەزمىخانلارغا باردىم،رەڭلىك سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ باقتىم. بارا-بارا ئەسلى پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ چوڭ شەھەردە بۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.كىيىنچە ھېيىت -بايرام ۋە تەتىللەردىمۇ ئۆيگە قايىتماسلا بولدۇم. 

ساڭا يازغان خەتلىرىمدە ئۆزۈمنىڭ ياخشى ئوقۇۋاتقانلىقىمنى، داۋاملىق ئوقۇش ئۈچۈن جىق پۇل كېتىدىغانلىقىنى قوشۇپ يازاتتىم.پۇل ئەۋەتىپ بەرمىسەڭ ئوقۇشتىن چىكىندىغانلىقىمنى پەش قىلاتتىم. سېنىڭ ئاشۇ پۇللارنى بىر سىنىت -بىر سىنىتتىن يىغىپ ماڭا ئەۋەتىدىغانلىقىڭنى پۈتۈنلەي ئېسىمدىن چىقىرىپ قۇياتتىم.

بايۋەتچىلەرگە ئوخشاش چوڭ يەپ چوڭ ئىچەتتىم.ئەل -ئاغىنلەر ئولتۇرشىدىكى ھەشەمەتچىلىكلەردىن سىرىت ،ئاتالمىش پۇلغا ئامراق  << قىز دوسىتلىرىمغا >> خەجلەيتىم.

(3)

كىيىنكى چاغلاردا  مەكتەپتە ئوقۇماسلا بولدۇم،جەمئىيەتتىكى رەڭدار تۇرمۇش قاينىمىغا بىراقلا شۇڭغۇدۇم.شۇ سەۋەبتىن مەكتەپتىنمۇ ھەيدەلدىم.قىسقىسى ئوقۇشتىن ئىبارەت زېرىكىشلىك ھاياتتىن قول ئۈزۈپ جەمئىيەتكە قەدەم باسقىنىمدىن خۇشال ئىدىم.

يەنە شۇ رەڭدار ھايات،يەنە شۇ نازىن قىزلار ... ئۇلاردىن سىرىت ئاق تۈتەك ئىسلارنى كۈچەپ سۈمۈرۈشلەر،قۇش پىيىدەك مۇئەللەق تامان لەيلەشلەر...

مەن بارا -بارا پۈتۈنلەي ئۆزۈمنى يوقۇتۇۋاتاتتىم.

ئەنە شۇنداق قىلىپ بىر مەگىل جاھاننىڭ مەئىشىتىنى كۆرگەن بولدۇم.پايانسىز دېڭىزدا غۇلاچلاپ ئۈزدۈم.كۆك قەھرىنى يېرىپ بۈركۈتتەك ئۇچتۇم.بىراق بىر يولىلا ئېگىز ئاسماندا ئۇچقان قۇشنىڭ شۇنچە تىز يەرگە دۇملاپ چۈشىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلماپتىمەن جېنىم ئانا!

چۈشكەندىمۇ  ئەسكى داڭگالغا ئوخشاش ئېگىز كۆكتىن  بىراقلا قاتتىق يەرگە چۈشتۈم.ئېغىز-بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان ئېتىلىپ نىمىجان ھالەتتە يىقىلدىم. بىر تەرەپتىن ئاق ئالۋاستىنىڭ قۇلى بۇلۇپ  ئاتالمىش<< دوستلىرىم>>نىڭ شوركىسىغا ئايلاندىم. ھەتتا چىشلە دېسە بىگۇناھ بىرىنى چىشلەپ تالاشقا تەييار تۇرغان باغلاقتىكى ئىتى بولدۇم.ئوغۇرلۇق،ئالدامچىلىق قىلدىم. بەرمىگەننى بۇلاپ قاچتىم .ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ،خىروئىن توشۇپ ئەكىلىپ ساتتىم.نۇرغۇن قېتىم سۇلاقخانا-تۈرمىلەردىمۇ يېتىپ چىقتىم.يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇملۇق  ۋابا كىسەل چاپلىشىپ،ئاغرىق دەستىدىن  بارا-بارا ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۈستىخانغا ئايلاندىم.

(4)

نەچچە يىل ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدىم .ئۆلۈم ھىدى دىماقلىرقمغا ئۇرۇلغانچە سېنى شۇنچە سېغىندىغان بۇلۇپ قالدىم ئانا. مانا ، ئاخىرى مەھەللىگە يىتىپ كەلدىم.بۇرۇنقى توپلۇق يوللارغا قارا ماي يولى بېسىلغان ،قاتار سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر ئىلگىركى خام كېسەك بىلەن سېلىنغان تەرتىپسىز ئۆيلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇراتتى. شۇنچە ئىزلەپمۇ بۇرۇنقى ئۆيىمىزنى تاپالمىدىم.ئورۇق -تۇققانلار بەلكىم ھەممە ئىشلىرىمنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك بىرسىمۇ ماڭا يېقىن كەلگىلى ئۇنمىدى،خۇددى ئۆلۈك تاپتىن قاچقاندەك قېچىشتى. لېكىن ھېچقايسىسنى ئېغىر ئالمىدىم،ھەم ئۇلارنى ئىلغا قىلىشقىمۇ رايىم بارمىدى. 

مىڭلاپ ئەپسۇس، ئاھ جېنىم ئانا، مەن كېچىككەن ئىدىم . مەھەللە كويدىن سۈرۈشتۈرۈپ تاپقىنىم سېنىڭ <

شۇ دەقىلەردىكى ئازابىمنى قايسى تىللار بىلەن ئىپادە قىلارىمنى بىلەلمىدىم . بىردىنلا بېشىمدا چاقماق چېقىلغاندەك بۇلۇپ،قەبرەڭ ئالدىغا ھالسىز قىياپەتتە تىزلاندىم.بارچە ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ ۋارقىردىم.كەپتەر باچكىسىدەك بۇقۇلداپ تۇرۇپ يىغلىدىم.ياراتقۇچىدىن روھىڭنىڭ ئەمىن تېپىشىنى تىلىدىم.ئىچىمنى كۆيدۈرگە ئوت بۇلۇپ  ئۆرتەۋاتقان چەكسىز ئازابىم بىلەن ساڭا يىلىنىپ،  ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈرۋىتشىڭنى ئۆتۈندۈم.قەبرەڭگە يۈزۈمنى يېقىپ ،تۇپرىقىڭنى سۆيدۈم...

شۇ تاپ ساڭا ئاجىز نىدا قىلماقتىمەن.<

2017-يىل 23-مارت (مارالبېشى)






236 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 23:07:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ