‏‏‏ مۇبارەك قۇتلۇق تويۇڭغا - ‏باھارگۈل ئىبرايىم

‏‏‏ مۇبارەك قۇتلۇق تويۇڭغا

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

‏(ئۆزگىلەرنىڭ ئىككىنچى تويىنى قۇتلۇقلاپ)

 

‏ ‏قۇت تىلىمەك بوپ ئالدىم قەلەم قولۇمغا،

 ‏ھەم ئېسەنلىك تىلىدىم ئالتۇن بۇيۇڭغا.

 ‏ئىپار ھىدى چېچىلسۇن باسقان يۇلۇڭغا،

 قوش مۇبارەك بۈگۈنكى قۇتلۇق تۇيۇڭغا.

 

 ‏ ‏چىن دىلدىن تىلىگەن ئارزۇيۇم شۇلدۇر،

 ‏ئۇلۇغ رەببىم بەرسۇن سىنىڭ بەختىڭنى.

 ‏ئاتا - ئاناڭ روھى يۆلەپ ھەم سىنى،

 ‏مۇستەھكەم قىلسۇن نىكاھ تەختىڭنى.

 

‏ ‏بۈگۈن مانا قۇتلۇق ئىشقا يول ئالدىڭ،

 ‏مۇستەھكەم نىكا قەسىرى قۇرۇشتۇر ئويۇڭ.

 ‏قوبۇل ئەيلىگىن سوۋغام ئاددى بولسىمۇ،

‏مۇبارەك بولسۇن بۈگۈنكى قۇتلۇق تويۇڭ.‏

 

 ‏ ‏يەنە بىر رەت تىلەيمەن تويۇڭغا تىلەك،

‏نىكاھ قەسىرىڭ مۇستەھكەم بولغاي!

 ‏ئۇلۇغ ئاللا قوش ئامەت بېرىپ،

‏ئائىلەڭ پەرزەنتلەر كۈيىگە تولغاي! ‏

 

 ‏2014-يىلى20-ئۆكتەبىر باي





155 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-23 1:17:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ