نېمە دەي
رىزۋانگۈل (مودەن)
ياخشىلاردىن ياماننىڭ گېپى چوڭكەن نېمە دەي،
سۈكۈت قىلغان ئىش ئۇقماس ،تېخى توڭكەن نېمە دەي.
ھەق سۆزلەرگە ئورۇن يوق،ساختىلىقتىن كۆڭۈل توق،
ئاق -قارىنى ئايرىماي يۈرگەنلەرگە نېمە دەپ؟.
،،،…،،،،،
تاپسا بىرى يۈز -ئابرۇي گۇمانسىراپ قاراشتى،
غەيۋەت قىلىپ ھەسەتتەيوق يېرىدە غاجاشتى.
مۇشەققىتى كۆرۈنمەي تىللاپ راسا ساۋاشتى،
قاۋاپ ئىتتەك ئۆمۈرلەر سۈرگەنلەرگە نېمە دەي؟!.
…،،،،،،،،،،،،،،
بىلىم ئېلىپ يۈز تاپسا ئۇ ھاكاۋۇر سانالدى،
نادانلارنىڭ كۆزىگە خۇددى مىخ بوپ قادالدى
شاتلاندۇردى سۈكۈتلەر ئۆزى دانا ئاتالدى،
شالاقشىپ يېرىم سۇ كەبى يۈرگەنلەرگە نېمە دەي.
…،،،،،،،،،،،…
ئىھسان قىلسا مىسكىنگە،ئابرۇي ئۈچۈن دېيىشتى،
ئۇيقۇ كەلمەي ھەسەتتە، كۆپ غەملەرنى يېيىشتى.
پىتنە -پاسات ئاۋۇدى ،مېھىر يىراق كېتىشتى،
تولدى يۈرەك مىڭ دەرتكە ،كۆرگەنلەرگە نېمە دەي.
…،،،،،،،،،…
تۈزەلمەيدۇئىللەتلەر ،سىلكىمىسە بېشىنى،
كەلمەس ھەرگىز ئورنىغا تۆكسەك پۇشمان يېشىنى،
قانداق ۋابا مەنپەت دەپ زىننەتلىگەن تېشىنى،
ھەقىقەتكە قاپاقنى تۈرگەنلەرگە نېمە دەي!.
2016-يىل31-ئۆكتەبىر.مايتاغ
150 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-2 12:55:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|