يۇرتۇم

يۇرتۇم

 

www.yazghuqilar.com

 

دەپسەكتىن يۇرتۇمغا باقسام ئېڭىشىپ،

 گۈزەل ئورمــــانلا تۇرار ســـــــىردىشىپ ـ

 كەڭ كەتكەن شەرىققە قارىسام بىر رەت ،

 ھەيۋەتلىك ئۆمۈر تېغى ياتار چىرمىشىپ ـ

 

مەن ئويناپ يۈرگەن يىراق جايلاردا،

 ئويلايمەن ھەر ۋاقىت ئاشۇ چاغلادا ـ

 ھەر يۇرتلار بولسىمۇ قانچىلىك گۈزەل ،

 ۋەلېكىن تەڭ ئەمەس شوپۇل ئالدىدا ـ

 

تۇغۇلۇپ ئۆستۈممەن يىراق بۇ تاغدا ،

 زەپ گۈزەل ئەسلىمە قالدى شۇ باغدا ـ

ھېس قىلدىم يۇرتۇمنىڭ ئىللىق مېھرىنى ،

 كۆزۈمگە ياش ئېلىپ سېغىنغان چاغدا ـ

 

 *شوپۇل — قۇمۇل دىيارىدىكى ئون ئىككى تاغنىڭ بىرى

 

 2015-يىل 08-مارت

 —نۇرئېلى ئابابەكرى ئۆركەش





250 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئېلى ئابابەكرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-2 20:26:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-4 13:18:57 B
yahxi yezip san
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ