بەكمۇ نادان ئىكەنمەن
مەمەتجان سەمەت
ھېچ كىشىگە تەڭ قىلماي. سۆيگەن ئېدىم بىر قىزنى،
شۇنچە خۇشال يۈرەتتىم.بەختلىك دەپ ئۆزۈمنى.
ئايرىلمايمىز تائابەت . دەپ قەسەملەر ئىچكەنتى،
راسمىكىن دەپ ئىشەنسەم.تاشلاپ كەتتى ئۇ مېنى.
ئالدامچى قىز ئىكەن ئۇ .بىلمەپتىمەن پەقەتلا،
يالغان ئىكەن ئەسىلدە .ۋەدىسىنىڭ ھەممىسلا.
بەكمۇ نادان ئىكەنمەن.ئويلاپ باقسام مەن بالا،
كۆيۈپتىمەن ۋاپاسىز . كۆڭلى قارا بىر قىزغا.
شۇ قىزنى دەپ يۈرگەنتىم دوسلارنىمۇ ئەسكى دەپ،
بىرىپ بارچە مېھرىمنى .خاپا قىلماي قەدىرلەپ.
ئەمدى تاشلاپ كەتتىغۇ. مېنى گاداي رەزگى دەپ،
ئاھ نە قىلاي بىلمىدىم. قالدىم يالغۇز تەمتىرەپ.
دوست يارەنلەر گەپ قىلسا قۇلاق سالماي ئۇنىڭغا،
ئۇسۇل ئويناپ قاپتىمەن .شۇ قىزچاقنىڭ دېپىغا.
كىمگە ئېيتاي دەردىمنى .غەملەر چۈشتى بېشىمغا،
خاتا باسقاچ قەدەمنى .قان ئارلاشتى يېشىمغا.
ئېگىلدىغۇ قامەتلىك تاغدەك ئېگىز بويلۇرۇم،
بىۋاپانىڭ دەستىدىن توسۇلغاچقا يوللۇرۇم.
بەك كۆپ ئىدى يۈرەكتە ئارزۇ ئارمان ئويلۇرۇم،
بەرپات بولۇپ ھەممىسى بولماس بولدى تويلۇرۇم.
ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
447 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-16 18:29:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-16 21:54:17 | باتۇر |
مەمەتجاننىڭ شېئىرلىرى ئالامەت |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|