ئادەمدەك ياشا

ئادەمدەك ياشا

 

ئابلىكىم ئ‍ابدىرشىت

 

نامى بار ئالەمدە جىسمى يوقلارنىڭ،

 جىسمى بار ئالەمدە نامى يوقلارنىڭ.

 يۈز كېلىپ ۋىجدانىغا ئۆز -ئۆزىڭنىڭ،

 بۇ سىرلىق دۇنيادا ئادەمدەك ياشا.

 

 جان بولسىلا،تىرىك ھېسابلىما ئۆزەڭنى،

 قارا دۇنياغا ئېچىپ يوغان كۆزۈڭنى.

 قالدۇرسا نام ھايات دەيمىز ئ‍ۆلۈكنى،

 تىرىك تۇرۇپ دۇنيادا ئادەمدەك ياشا.

 

 ياخشىدىن ئ‍ات قالىدۇ ياماندىن داد،

 ئۆتكەن كۈنلەرگە ئ‍ۇرما ئاھ، پەرياد.

 بىلسەڭ گۈزەل نەقەدەر ھايات،

 بۇ گۈزەل دۇنيادا ئادەمدەك ياشا .





130 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىكىم ئ‍ابدىرشىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-22 11:11:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ