دوستۇم دېگەنلەر
ئاپتۇر:خېلىل جىبران(پەيزىۋات)
بىر نان تاپساق بىرگە يىگەنلەر،
سىرداش بىلسەم، سىرداش بىلگەنلەر،
مەن كۈلگەندە ، بىللە كۈلگەنلەر،
كىشى يىقىلسا بېرىپ يۆلىگەنلەر،
يىقىلدىم قېنى،دوستۇم دىگەنلەر.
كۈلپەت چۈشتى بېشىمغا بۈگۈن ،
دۈشمەنلىرىم قىلدى سۈرگۈن.
نەدە يۈرەرمەن ئەتە ئۆگۈن ،
كۆڭلۈمدىكى يىشىلمەس تۈگۈن .
نەدە سىلەر دوستۇم دىگەنلەر.
خۇشاللىقىم سىلەر ئىدىڭلار،
ناشتىلىقىم ئىدى كۈلكەڭلار.
دۈشمەنلىرىمنى ئەزىز بىلدىڭلار،
ھاياتىمنى خاراپ قىلدىڭلار،
قېنى سىلەر دوستۇم دېگەنلەر.
قىيامەتلىك دوسلۇرۇم قېنى ،
دوسىت بۇلۇشقان ئاققۇزۇپ قېنى.
ئىزدىمەيدۇ ئۇلارمۇ مىنى ،
دەيمەن ئۈزۈمگە دوسىتلىرىڭ قېنى .
تۈگىدى مىنى دوستۇم دىگەنلەر .
چۆللەردە يۈردۈم سايەمنى باشلاپ،
قۇشلارمۇ كەتتى چۆللەرنى تاشلاپ.
تۇرارشۇملۇق بېشىمدىن ئاتلاپ،
قالدىم ھەيران بېشىمنى قاشلاپ .
قېنى مىنى دوستۇم دىگەنلەر.
خەيىر دەيمەن كەتكىنىڭلەرگە،
مىنى ياتلاپ كەچكىنىڭلەرگە .
يەنە مۇراتقا يەتكىنىڭلەرگە،
رەھمەت دۈشمەن ئەتكىنىڭلەرگە.
قېنى ئەمدى دوستۇم دىگەنلەر.
| 141 قېتىم كۆرۈلدى | خېلىل جىبران | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-7 15:14:48 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|