جان دادامنى سېغىندىم
ئايگۇل تۈدى
مىھرىبانىم پاسىبانىم ئەتىۋارىمنى سېغىندىم,
ھىدلىرى جانغا ھۇزۇر خۇمارىمنى سېغىندىم.
پەرزەنىت ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن بىر ئۆمۈر،
باغرى ئىللىق مېھرىبانىم دادامنى سېغىندىم.
بىلىندۈرمەي ھېچكىمگە بارۇ يوقنىڭ قەدرىنى،
يىراقلاتماي ئىزدەشتۈرۈپ تۇققانلارنىڭ ئارىنى،
ئىمكان بولسا سىلاپ ئاجىز -غېرىپلار بېشىنى،
ئۈلگە بولغان يولباشچىنى سېغىندىم.
ئەتراپلىرى باغۇ بوستان دۆلىتىمنى سېغىندىم،
نامى بىزگە ياراشقان سۆلىتىمنى سېغىندىم.
قېرىداشلار نامىدىن تىلەپ ياخشى تىلەكلەر،
غەمگۈزارىم، پاسىبانىم، جان دادامنى سېغىندىم.
67 قېتىم كۆرۈلدى | ئايگۇل تۈدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-27 10:34:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|