كۆزۈمنىڭ نۇرىسەن ئوغلۇم ، ئۆيۈمنىڭ چىراقىسەن ئوغلۇم ، ھاياتىمنىڭ مەناسى سەن ئوغلۇم ، ئارزۇيۇم ئۈمىدىم سەن ئوغلۇم ، ئىپتىخارىم ، پەخرىم سەن ئوغلۇم ، مىنىڭ بەختىمسەن ئوغلۇم ، تاجۇ تەختىمسەن ئوغلۇم ، كۈچ مادارىمسەن ئوغلۇم ، سىنى تۇغقىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ، جىنىمغا جان قوشقىنىڭدىن ئالەمچە خۇشالمەن ، سىنى بەرگەن رەببىمگە رەھمەت،
سىنى چەكسىز ئانىلىق مىھرىم بىلەن سۆيىمەن ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن تەڭ مىنىمۇ كۈلدۈرۈپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتىڭ، ئوغۇلسەن ، كەلگۈسىدىكى بىر ئەركەك سەن
،مىنىڭلا بوپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ، خەلىقنىڭ ئوغلىسەن ، ۋىژدانلىق ، ياراملىق چوڭ بولشىڭنى تىلەيمەن ، ياراملىق ئادەم بولۇپ سەن كۈلسەڭ مەنمۇ كۈلىمەن ، دۇنيامۇ كۈلىدۇ ، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر شۇنداقلا بەخىت ئىنساب تىلەيمەن ...
| 69 قېتىم كۆرۈلدى | دىلبەر ئەخەت قەشقەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-15 19:12:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|