ساداقەتنى چىن مىزان ئەتسەڭ
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
ساداقەتنى چىن مىزان ئەتسەڭ ،
تەشۋىشلەردىن بولاتتىم خالىي .
بىئاراملىق سېلىپ ئەندىشە ،
ئاشماس ئىدى يۈرەكنىڭ زارى .
ساداقەتنى چىن مىزان ئەتسەڭ ،
ھايادىن نۇر چاقناتسا چېھرىڭ .
بولسا سۆيگۈڭ ماڭىلا تالىق ،
ئۆركەشلىسە ئاياۋسىز مېھرىڭ .
ساداقەتنى چىن مىزان ئەتسەڭ ،
لەۋلىرىڭگە سۆيمىسە "شامال " .
كۈندەشلىرىم قولۇڭ تۇتمىسا ،
كۆزلىرىڭگە بېقىپ بىمالال .
ساداقەتنى چىن مىزان ئەتسەڭ ،
ئىشرەت كويى قىلمىسا قامال .
دىل خانەڭدە تۆنەپ قالمىسا ،
بەڭۋاش سۆيگۈ ئەپكەلگەن خىيال .
ساداقەتنى چىن مىزان ئەتسەڭ ،
باسماس ئىدى كۆڭلۈمنى تۇمان .
ئىزتىراپلىق ئىچرە ۋۇجۇدۇم ،
تىترىمەستى ياپراقتەك بۇ ئان .
ساداقەتنى چىن مىزان ئەتسەڭ ،
بولار ئىدىم شۇنچە خاتىرجەم .
بولسا قەلبىڭ كىرسىز -بىغۇبار ،
پاك سۆيگۈمنى سۇناتتىم مەن ھەم !
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن
| 5715 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 20:41:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|