كەچۇر گۇلۇم

         
‏كەچۈرگىن،ئەمدى سىنى سۈيەلمەيمەن.رازى ئىدىم ئوتلىرىڭدا كۈيۈشكە،سۇلىرىڭدا ئېقىشقا. ئەمدى سەن ئۈچۈن گۈلخان بۇلۇپ كۈيەلمەيمەن،سۈيۈڭدە ھەم ئاقالمايمەن.سەن ئۈچۈن خۇش بۇلۇپ،سەن ئۈچۈن قايغۇرىدىغان كۈنلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى. شۇتاپ سىىنىڭ جىسمىڭدىن ماڭا خۇشاللىق ۋە بەخت ئاتا قىلالايدىغان ئالامەتلەرنى تېپىشقا ئامالسىزمەن. قەلبىم سەن ئۈچۈن بېھىش ئىدى،تولىمۇئەپسۇس،قەلبىمدە ھۈكۈم سۈرگەن ئىزگۈ تىلەكلىرىمنى سىنىڭ كۆرگۈدەك ئەقىل كۈزۈڭ يوق.قارىغاندامەن ساڭا بولغان سۆيگۈمنى چەكتىن ئاشۇرىۋېتىپ،سىنى بىخوتلاشتۇرۇپ قويغان ئوخشايمەن. ‹‹ ھەرگۈلنىڭ پۇرىقى باشقا››دىدىڭ سەن ئەيمىنمەستىن.سەن ئاشۇنداق گۈلدىن گۈلگە قۇنۇپ،خۇشپۇراق گۈل ھىدىدىن مەستخۇش بۇلۇپ يۈرىۋەرگىن.ئەمدى ساڭا كۈڭۈل بىرەلمەيمەن. سەن گۈلزارلىقتايۈرۈپ ئۆز گۈلۈڭنى تاپالمىدىڭ،رەڭگارەڭ گۈللەر سىنىڭ كۆزۈڭنى خىرەلەشتۈرۈپتۇ.ھەيران، مەن ھەيران.مۇھەببەتتىن يۈز ئۈرۈش سەن ئۈچۈن ئاسان. يېرىم يولدا توختاپ قالغان مۇھەببەت مۇساپىمىز كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندى.شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئىككىمىز بىللە سۈرگەن خىياللىرىمىزمۇ كۈپۈككە ئايلاندى.تېخى روياپقا چىقمىغان ئارزۇ –ئارمانلىرىمىزنى پىنھانغابەنت قىلدىم. ۋەدىمىزنى شۇنچە تىز ئۇنتۇپسەن،يۈرىكىڭ مەن ئۈچۈن سوقماس بوپتۇ،قەلبىڭنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى تۇيغۇلىرىڭ ماڭا تىۋىنمەس بوپتۇ. ئۆزگە گۈلنىڭ ۋۇجۇدىدا يالت قىلىپ كۈرۈنگەن ئازغىنە گۈزەللىككە قاراپ ھاياجانلىنىپ كەتتىڭمىكىن ،شۇنچە تىزلا مۇھەببەت مەھبۇسىغا ئايلاندىڭ.يەنە ‹‹كەچۈرگىن ››دىيىشلىرىڭنى ئاڭلىغۇم يوق.ۋاپاسىزلىق سۈيىدە سۇغۇرۇلغان ساختا گۈللىرىڭنى ئەمدى قۇبۇل قىلالمايمەن.چۈنكى ئۆزگە گۈللەرنىڭ ئالدىدا غۇرۇرۇمنى قىلىشنى خالىمايمەن.غۇبارسىز كۆڭلۈمنى ئازار يىيىشتىن مۇستاسىنا قىلىش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن ساڭا خوش دىيىشنى تاللىدىم. سەندىن ئۆزگە يەنە بىر بۇلبۇلنىڭمۇ سەن ياتلاشقان گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ سايرايدىغىنىغا ئىشىنىمەن. خىياللىرىمنى مالىمان قىلما،چۈشلىرىمنى ئاۋارە قىلما.يوللاردىمۇ ئۇچراپ قالمىغىن،ئاشۇ تۇنۇش گەۋدىنى قايتا كۆرگۈم يوق. ئەمدى مەن سىنىڭ گۈلۈڭ ئەمەس. شۇڭا سىنى جانانىم دەپ ئاتىيالمايمەن،كونا جايدا ئۈنسىز سىنى كۈتەلمەيمەن. ساڭا بەخىت تىلىمەيمەن،ھەم سەندىن نەپرەتلەنمەيمەن.چۈنكى نەپرەت مۇھەببەتتىن كىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ پەقەت ساڭا شۇنى ئەسكەرتىمەن:سەگەك بولغىن.مىنى ئازاپلانغانمىدۇ دەپ غەم قىلىپمۇ يۈرمە،چۈنكى ئازاپ مەندىن يىراقتا. قول تۇتۇشقان چاغدىكى ئىللىق ھارارەت قايتا مەۋجۈت بولمايدۇ.لەۋلىرىمىز تىگىشكەن چاغدىكى ئوتلۇق نەپەسلەر ئەمدى قايتىلانمايدۇ،توغرا،ئۇلار ئەمدى زىنھار قايتىلانمايدۇ. سىنىڭ ئىسمىڭنى يۈرىكىمدىن ئۈچۈردۈم،ئۆتمۈشۈمنى پاك-پاكىز يۇيىۋەتتىم.سىنى سېغىنىشلىرىمنى دەشت-چۆللەرگە سۈرگۈن قىلدىم.ساڭا بولغان ئىنتىلىشلىرىمنى كېپەنلەپ قويدۇم.ئاسىي قەدەملىرىمنى كىشەنلەپ قويدۇم. خەير،ئۈجمە كۆڭۈل kiz. سەن مىنىڭ ئۆتمۈشۈم.
     





181 قېتىم كۆرۈلدى ablat313 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-1 10:36:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ