ئ‍اي نۇرى

ئ‍اي نۇرى

 

 ئ‍اپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئ‍ەزىز

 

 تۈن نسبىدە ئ‍اينىڭ شولىسى،

 چۈشەر تۈڭلۈك يۇچۇقلىرىدىن.

 ئ‍ۆي ئ‍ىچىنى غۇۋا يۇرۇتۇپ،

 ئ‍ويغاتماقتا چۈشنىڭ قوينىدىن.

 

ئ‍اينىڭ نۇرى غۇۋا بولسىمۇ،

 تۈننىڭ گۈزەل ھۈسنى بولغاندۇر.

 يالغۇز ئ‍ەسكى سوغۇق كەپىدە،

بىر ھىكايە كۈمۈلۈپ قالغاندۇر.

 

كۈمۈلۈپ قالغان سىرلارغا گۇۋاھ،

 بولغان گۈزەل ھۆسنى كېچىنىڭ.

 يىتەلمەيدۇ ۋىسالغا ئ‍اشىق،

 تەشنا بولۇپ سۆيگەن يارىنىڭ.

 

ئ‍اينىڭ يۈزىدە داغلار بولسىمۇ،

نۇر بەرگەچكە گۈزەل ھەر زامان.

 چىراي گۈزەللىكى ئ‍ۇ مۇھىم ئ‍ەمەس،

 قەلىپ گۈزەل بولسلا ھامان.

 

 بولساڭ گۈزەل ئ‍ەخلاقىڭ بىلەن،

 گۈل پۇرايسەن بەلكىم ئ‍ېھتىمال.

ئازساڭ ئەگەر ئەدەپ ئەخلاقتىن،

تۇتقان يولۇڭ بولىدۇ زاۋال.

 

 2015-يىلى 12-ئ‍اينىڭ 8-كۈنى (سەيشەنبە سائەت 01:05)





183 قېتىم كۆرۈلدى rusul ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-8 10:57:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ