تۇيغۇلاردا ئەركىلەيدۇ ھېجرانلار
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
تاغلىرىڭغا بارالمىدىم ئېسىمدە ،
باغلىرىڭغا قىيالمىدىم چۈشۈمدە .
خىيالىمدا قالدى پەقەت سىماسىڭ ،
ئازاپلارغا چىدالمىدىم يۈركۈمدە .
تۇيغۇلاردا ئەركىلەيدۇ ھېجرانلار ،
خۇش ھېدىڭدا سەگىدەيدۇ جانانلار .
مەستخۇش غېرىپ بولۇپ قالدىم بىلمىدىڭ ،
مۇڭلىرىڭدا پەتىلەيدۇ جۇۋانلار .
راست - يالغان نازلىرىڭنى بىلمىدىم ،
سەھەر چالغان سازلىرىڭنى سەزمىدىم .
ئەگىپ ئۆتتى مۇڭلىرىمدا بىر خىيال ،
كېتىپ قالغان چاغلىرىڭنى غەملىدىم .
جاراھەتلىك ئۆتمىشىمگە ئويلاندىم ،
كەچۈرمىشلىك ئەقىدەمگە تولغاندىم .
تەمەلەرنى قىلمىدىمغۇ ئەزەلدىن ،
قابائەتلىك چۈشلىرىمدىن ئويغاندىم .
ئازاپلانغاچ تېڭىرقاشتىن چەتنىدىم ،
پۇرالمىغاچ مېھىرلەردىن سەزمىدىم .
ھېدلىرىڭنى تاپالمىدىم زادىلا ،
ئۇنتالمىغاچ جانانىمدىن كەچمىدىم .
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
| 38 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-13 21:02:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|