دەز كەتكەن يۈرەك
تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى)
♦
ئاغرىدى ئاغرىدى ئاغرىدى يۈرەك،
ئاغرىتقان ھەممىدىن ئاغرىدى يۈرەك.
تۈكۈرگەن تۈكرۈكنى ئالغىلى بولماس،
ھەممىدىن ئەتۋا پاختىدەك يۈرەك.
♦
سۆزۈڭنى توغرا قىل داۋاسى يوقتۇر،
سۆز دىگەن ساداقتىن ئېتىلغان ئوقتۇر.
ئويلىشىپ قىلمىساڭ سۆز ساڭا دۈشمەن،
يۈزۈڭگە سۈركەلگەن بىر كەتمەن پوقتۇر.
♦
ئۆزۈڭگە ئىشىنىپ سۆزلىمە يوغان،
ئىسپاتلاپ بىرەلمەي بولىسەن يالغان.
زىدى پەس ئىشپىيون پايلاقچىلار كۆپ،
ئېغزىڭغا ناۋاتتىن سالىدۇ توغان.
♦
ئالدىراپ بىراۋغا ئىشىنىپ كەتمە،
ھىجايسا بىر قاراپ دەردىڭنى تۆكمە.
چىرايى ئادەمدۇر قەلبىدۇر ھايۋان،
يۈرەكتىن پەرىق ئەت كۆزۈڭدىن ئەتمە.
♦
گاھىدا تاش ئىكەن گاھىدا پاختا،
ئىنسانمۇ ماسلاشقان دەرجىلىك ساختا.
ئۆزىنى سورىسا كۆڭۈلسىزلىك يوق،
قارلىنىپ يۈرمەيتى تۇراتتى ئاقتا.
♦
كۆڭلىڭنى كەڭرى تۇت دۇنيامۇ سىغسۇن،
يۈرۈكۈڭ ئۆزۈڭدىن سۆيۈنسۇن كۈلسۇن.
مىھرلىك قارىغىن تەبەسسۇم بىلەن،
دۈشمىنىڭ ھەسەتتىن يېرىلىپ ئۆلسۇن…
♦
-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
♦-2016-07-11ئۈرۈمچى ♦
| 167 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۈل ئىسمائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-7-31 0:36:36 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|