تۆۋە قىلىمەن
يازغۇچى :ئابدۇۋارىس ئوسمان
ھاياتىمنىڭ ياپراقى تۈكۇلمەكتە ،
خىيالىم ئىمانىم بۈلۇنمەكتە .
ئويلاپ يىتەلمىگەن تەغدىرلىكتە ،
ئۆتكەن كۈنلەرگە تۆۋە قىلمەن .
ۋىژدانلىق ۋاپادار يىگىت ئىدىم ،
كۈچلۇك ئىدى ئەقىدە ئېتقاتىم.
تۇرمۇشمۇ پۇلمۇ ھېچ بىلمىدىم،
ئۆتكەن كۈنلەرگە تۆۋە قىلمەن .
مېھىربان ئەپۇچان زاتتۇر ئۇ ،
ئېزىپ قالغىنىم بەندىلىك ئۇ .
گۇناھ قىلغىنىم نادانلىقىم ئۇ ،
ئۆتكەن كۈنلەرگە تۆۋە قىلمەن .
تىلەيمەن تۆۋە دۇئايىم بىلەن ،
ئېزىپ قالماي شەيتانلىق بىلەن .
ئۆتمىسۇن كۈنۇم نادانلىق بىلەن،
ئۆتكەن كۈنلەرگە تۆۋە قىلمەن.
بىلەتىم ئىمتاھان ئالەم بۇ ئىدى ،
سورىقى ئۆلگەندىن كىيىن ئىدى .
ئۇيقىدا ياتقىنىم پۇشايمان بولدى ،
ئۆتكەن كۈنلەرگە تۆۋە قىلمەن.
كۆڭلۇم تۇيۇپ تۇرسىمۇ مىنىڭ ،
بىلمىدىم بىلىپ تۇرۇپ ئازغىنىم .
نىمانچە شەيتىنىم كۈچلۇك مىنىڭ،
ئۆتكەن كۈنلەرگە تۆۋە قىلمەن.
ۋاقىتنى تۇتىمەن ھازىردىن باشلاپ ،
ئەتە دىمەيمەن بېشىمنى قاشلاپ .
ئەتە كىلەمدۇ ھاياتىمنى باشلاپ ،
ئۆتكەن كۈنلەرگە تۆۋە قىلمەن .
| 215 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-8 13:10:01 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|