قانداق قىلاي
(فىتنەت)
-
ئۈمىدلىرىم يالقۇن ئىدى قانداق قىلاي،
ئارزۇلىرىم بۈيۈك ئىدى قانداق قىلاي،
ئىشەنچ بىلەن قەدەم ئېلىپ ماڭغىنىمدا ،
يوللىرىمدا تىكەن ئىكەن قانداق قىلاي.
-
ئۈمىد بىلەن باققىنىمدا بۇ ھاياتقا،
ئارزۇلىرىم بەربات بولدى قانداق قىلاي،
ئىشەنگىنىم مەندىن تېنىپ كەتكەچ يىراق،
يۈرەكلىرىم قانسىرىدى قانداق قىلاي،
-
شەربەت بەرسەم سۇندى زەھەر قوللىرىمغا،
مىنى كۈلپەت زەپ قىينىدى قانداق قىلاي،
خۇشاللىقلار كۈتكەن ئىدىم بۇ ھاياتتىن،
لېكىن روھىم نىمجان بولدى قانداق قىلاي ؟
،،
2016.12.13
| 30 قېتىم كۆرۈلدى | Zahra | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-30 2:23:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|