مەغرۇر ياشايمەن - تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

         مەغرۇر ياشايمەن

ئاپتۇرى :تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

بىر ساڭىلا ئىشىنىپ يۈرۈپ كەپتىمەن،
بەخىت قۇشى بېشىمغا قوندى دەپتىمەن.
ئەزىز كۆرۈپ جېنىمدىن سىنى سۈيۈپمەن،
ئەمدى ساڭا ئىشەنمەيمەن مەغرۇر ياشايمەن.

كۈندە ساڭا نەچچە رەت تېلفۇنلار قىلسام،
ئالدىراش دىگەن سۆزلىرىڭ كەلدى تەكرار.
مەندىن تېنىپ ئايرىلىشقا بولۇپ سەن تەييار،
ئەمدى ساڭا ئىشەنمەيمەن مەغرۇر ياشايمەن.

توي  قىلىشقا  پۈتۈشۈپ كەلگەن ئىدىققۇ،
ۋەدە  بىرىپ  ئايرىلمايمىز دىگەن ئىدىڭغۇ.
ماڭا بەرگەن مۇھاببەتىڭ يالغان بولدىغۇ،
ئەمدى ساڭا ئىشەنمەيمەن مەغرۇر ياشايمەن.

ئايرىلغانغا سەندىن يۈرەك ھەرگىز تالمايدۇ،
بۇ دۇنيادا  بىرمۇ  ئىنسان جۈپسىز قالمايدۇ.
سەن سالغاندەك ئازاپلارنى ھىچكىم سالمايدۇ،
ئەمدى ساڭا ئىشەنمەيمەن مەغرۇر ياشايمەن،
       
         2016.9.23
     





92 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-23 13:58:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ