كىمنىڭ دوستىمەن (شېئىر) - ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا

كىمنىڭ دوستىمەن (شېئىر)

 ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا


سورىما جان-جىگەردوستۇڭ بارمۇ دەپ,

بىلمىدىم ھەقىقى كىمنىڭ دوستىمەن. 

دوستنىڭمۇ دۈشمەندەك بولمىقى بار گەپ,

 بىلمىدىم ھەقىقى كىمنىڭ دوستىمەن. 


 توپىنى داڭگالدىن تاسقايدۇ غەلۋىر,

دوستلۇقنى سىناققا تاشلايدۇ جەبىر,

ھە مەنمۇ ئېۋەنلىك ئىنسان بەرىبىر,

 بىلمىدىم ھەقىقى كىمنىڭ دوستىمەن.


 سورۇندا كۆپ بەلكى ئوينايدىغىنى,
شېرىن-سۆز لەۋزىدە گوللايدىغىنى,

ئامەتتۇر بارماقتا توختايدىغىنى,

 بىلمىدىم ھەقىقى كىمنىڭ دوستىمەن.


كۆڭۈلنى-كۆڭۈلگە چېتىپ تۇردىغان,

 دوستلۇقتۇر تۇلپاردەك چېپىپ تۇردىغان,

 ھاياتنى بىر گۈزەل ھىسقا تولدۇرغان,

 بىلمىدىم ھەقىقى كىمنىڭ دوستىمەن.


 كونىلار سۆزىدە ئەخمەقنىڭ دوستى,

 تولىدۇر بەئەينى پىيازنىڭ پوستى,

 بىرقېيىن تېپىشماق كىمنىڭ-كىم دوستى,

 بىلمىدىم ھەقىقى كىمنىڭ دوستىمەن.


…… 2017/4/21
     





286 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-23 1:12:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ