ئ‍ۆتەلەمسەن بىر ماڭا سادىق

ئ‍ۆتەلەمسەن  بىر ماڭا  سادىق

 

مەن سېغىندىم ،سېغىندىڭمۇ يار،

 ياندا مەن يوق غېرىپ بولدۇڭمۇ؟

ياكى تېپىپ ئ‍ۆزگە رەنانى،

ئ‍ەسلىمەسكە ئ‍ۇنتۇپ بولدۇڭمۇ؟

************

ساڭا تالىق ،مەجنۇن بۇ يۈرەك،

 ئ‍اتىغۇم بار بارلىغىم ساڭا.

 بولالامسەن مەڭگۈ مەن بىلەن،

 يا خىيانەت قىلامسەن ماڭا.

**************

 ئ‍اش بېرەمسەن ۋاپا چىنەڭدە،

 ئ‍ۆتەلەمسەن بىر ماڭا سادىق.

كۆرسەڭ ئ‍ەگەر مەندىن گۈزەلنى،

دىيەلەمسەن سەن ئ‍ەڭ چىرايلىق.

 ***********

بىلەلمىدىم سىرىڭنى جېنىم،

 تۇرمۇشۇڭدىن خەۋەرسىزدۇرمەن.

ياكى جاۋاپ بەرمەيسەن ماڭا،

 سەندىن ئ‍ۆزگە تەمەسىزدۇرمەن.

 

 ق سەھرا قىزى





191 قېتىم كۆرۈلدى kalbnuri ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 13:07:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-7 17:50:38 قەلبىنۇر
نۇرمەمەت رەھمەت
2015-8-7 9:59:29 nurmamat
yah xi qikip tu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ