ئىسىم (شېئىر) - ​ھېلىم سەلەي

 ئىسىم

ھېلىم  سەلەي

ئىسىم قويغان بوۋاققا بىزنىڭ ئۇلۇغ ئەجداتلار،
داۋام ئەتكەن بىر ئۈمۈر پۇشتى ئەلنىڭ ئەۋلاتلار.
ياراشقانتى قەۋەتلا قويغان ئىسم ئانىغا،
ئامانلىقنى تىلەيتى تۇغۇپ ياتقان ئانىغا.

ئاتا ئېلىپ بالىنى ئەركىلتەتتى سۆيەتتى ،
ئىسمىڭ بولسۇن مۇبارەك دەپلا خۇشال كۈلەتتى .
چۆمۈلەتتى بۇ چاغدا ئاددى كەپە شادلىققا ،
ھەممە كىشى قارايتى يۆگەكتىكى تاتلىققا.

ئەجدات قويغان ئىسىملار بولغان بىزگە پەزىلەت ،
شاخلانمىسۇن يۇسۇنلار دىققەت قىلسۇن ئەزىمەت.
شادلانماسمۇ خەلىقنىڭ ئۆركەش ياساپ دىللىرى ،
تۇغۇلغاننى قۇتلۇقلاپ سايراپ كىتەر تىللىرى.

     





114 قېتىم كۆرۈلدى rabiya ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 0:38:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-25 3:59:01 raziya
dadamng ber asri qikptu.bak huxal boldum
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ