سەن مېنىڭ بارلىغىم (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

سەن مېنىڭ بارلىغىم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

پەقەت باردۇر بىرلا ۋەتىنىم، بارىم،
سۆيىمەن ۋەتەن، مەڭگۈ قىلىپ تازىم،
ياشاي ئەبەد، قوينۇڭدا يايراپ خۇشال،
ۋەتىنىم ئانام،سەن مېنىڭ بارلىغىم.

ۋەتېنىم قوينۇڭدا تۇرمۇشۇم راھەت،
سەن بولغاچ كۆرمۈدۈم جاپا-مۇشەققەت،
ئاداققى تېرىشىپ ئاقلاپ بۇرچىمنى،
ئەل ئۈچۈن ياشايمەن،دېمەي شەخسىيەت.

ۋەتېنىم قۇياشىم، نۇرلىناي ئەبەد،
ئويلايمەن پەقەتلا، ئىللىق جەمئىيەت،
تەۋرەنمەس مەيدانىم، ياشايمەن مەغرۇر،
قورام تاش چۈشسىمۇ،تۇرىمەن مەزمۇت.
     





93 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 3:08:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ