ھاياسز دىمە قىزلارنى

ھاياسز دىمە قىزلارنى


ئاپتۇرى:ئېھسان(ئاۋات)


   ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا, 

  قىزلار ھاياسز دىگەن ئوغۇلار .

كۆزىڭنى ئاچ تىكىلىپ قارا،   

     جاھاندا كۆپ ئىپپەتلىك قىزلار.  


   ئىگە بولساڭ ئەگەردە ئۆزۈڭ،

بۇزۇلامتى شۇ ئۇماق قىزلار.

چىن بولسا ۋەدەڭ ۋە سۈزۈڭ،

تۇزىمايتى غۇنچە بوي ئۇزلار.


   چىشلىمەيدۇ ئۆزىنى ھېچ كىم،

ئادەم تۈگۈل ئادەتتىكى ئىت.

ئاناڭ ئىدى دەسلەپدە بىر قىز،

      ئوبدان ئويلان«قەھرىمان يىگىت».


يالغان قەسەم ۋەدىلەر بىلەن،

ئالدىدىڭغۇ قىزلارنى ئۆزۈڭ.

ھاياسز دەپلا شۇئار توۋلىساڭ،

    ئەمدى ھەرگۈز ئۆتمەيدۇ سۆزۈڭ.


  ئۇيۇنلارغا باشلاپ سەن ئۆزۈڭ،

يەنە تىللاشقا چىدامدۇ يۈزۈڭ.

بىر ۋاقىتتا قىز ئىدىغۇ ئاناڭ،

كۆرمىدىمۇ چاپاقلىق كۆزۇڭ.


    تىللاۋەرمەي قىزلارنى ھەرچاغ،

  سەۋەبىنى تەكشۇر ھەم ئويلا.

زامان ئايرار ياخشى ياماننى،

زامان گويا مىسالى چويلا.   


      قىزنى ھاياسز دىيىشتىن ئاۋۋال،

ئوبدان قارا سىڭلىڭ ئاناڭغا.

     قۇرۇق شۇئار توۋلىماي ئەمدى،

ئىگە بولغىن ئايال بالاڭغا.

.

2015.يىل 9.ئاينىڭ 3.كۈنى كەچ





254 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-11 23:50:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-14 10:46:02 aynur
Yah Xi yezliptu
2015-9-12 21:24:12 arzu
kaltc manci qogKur yezpcz!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ