ھايات قىممەتلىك

ھايات قىممەتلىك

 

 ئ‍ېلى ئ‍ابدۇكىرەم دىكەش

 

خارلانساڭمۇ جاپالىق دەرتلىك،

 ياش تۆكسەڭمۇ ئ‍ازاپ ھەسرەتلىك.

 ئ‍ۇ بۇلالماس ساڭا ئ‍ەبەتلىك ،

 قەدىرلىگىن ھايات قىممەتلىك.

 

 سەندە بولسا ياشاشقا ئ‍ۈمۈد،

 خارلانساڭمۇ بەختىڭنى سەن كۈت.

 جاپالاردىن قەددىڭ بىلەن ئ‍ۆت،

ئ‍ۈمۈدلىك بول ھايات قىممەتلىك.

 

 كۆيۈنۈشنى، كۆيۈشنىمۇ بىل،

سۆيۈلۈشنى، سۈيۈشنىمۇ بىل.

 قەدرىڭنى بىل، قىممىتىڭنى بىل،

قەدىرلىگىن ھايات قىممەتلىك .

 

يوقسۇز لۇقتا مىڭنى ئ‍ەسرا بىل،

 ساڭا مەدەت بولغاننى چىن بىل .

 ئ‍ۇچۇشنى بىل، چۈشۈشنىمۇ بىل،

 قەدىرلىگىن ھايات قىممەتلىك .

 





115 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-7 2:00:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ