زەئىپ مۇھەببەت


«نەسىر »


مەن كەتتىمساڭا بىرەر ئېغىز سۆز قىلىشنى مەڭگۈ ئۆزۈم ئۈچۈن گۇناھ ھىس قىلغاندەك پۇتلۇرۇم بىر خىل تەشنالىق قىيالماسلىق نەزەرلىرى بىلەن ئاستا-ئاستا يۆتكەلمەكتە .خۇددى سۆيگۈ ساداقەت مىنىڭدىن مەڭگۈ يىراقلىشىۋاتقاندەك قەلبىمدىكى بىر سادا كۈچلۈك كۈۋەجىمەكتە ،خۇددى يانار تاغ ۋولقانلىرىدەك ئالقانلىرىم كۆز ياشلىرىم بىلەن نەملەنمەكتە خۇددى باھاردىكى يامغۇر تامچىسىدەك مەن كەتتىم ئامرىغىم بىراق يۈرۈگۈم مەن بىلەن ئەمەس سەن بىلەن قالدى .جىسمىم سەنىدن باشقا ھەرقانداق بىر قىزنى يەكلىدى .بىچارە كۆزلىرىم ساڭا يىنىش-يىنىشلاپ باقماقچى ئالقانلىرىم يۈزلىرىڭنى ھەسرەت ئىچىدە ئاستا سىلىماقچى تىللىرىم ئاللىقانداق نىدالار ئىلكىدە ساڭا سۆزلىمەكچى بولدىيۇ لەۋلىرىم قاتتىق چىشلەش بىلەنلا كۇپايىلەندى ...

مەن كەتتىم جىنىم .مۇشۇ پەيىتتە ئاچچىق بىر نىدا مىنى قىينىماقتا ئىچ ئىچىمگە پاتماي قالغان ھەسرەتلىرىم مەڭگۈ مەندىن يىراقلاشمايدىغاندەك .تۇيۇلماقتا مەن شۇ چاغ سىنىڭ ماڭا تاتلىق تاتلىق كۈلكىلىرىڭ بىلەن ئەركىلەپ ئىيىتقان سۆزلىرىڭنى يۈزلىرىمنى ئالقانلىرىڭ ئارىسىغا ئىلىپ تەمكىنلىك بىلەن كۆزلىرىمگە بېقىپ بەرگەن ۋەدە قەسەملىرىڭنى ئازاب ئىچىدە ئەسلەپ قالدىم .ئەنە شۇ چاغدىلا نەپرەت ئىلكىدە لەۋلىرىمنى قاتتىق چىشلىۋەتتىم كۆزلىرىمدىن چىققان نەچچە تامچە ياش يۈزلىرىمنى بويلاپ سىرغىدى . مەن كەتتىم جىنىم .سەن مىنى مەڭگۈ تاپالمايدىغان .مەنمۇ ھەم سىنىڭ ھىدىڭنى مەڭگۈ ھىدلىيالمايدىغان مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ئازاپ ئىلىپ كەلگەن بۇ ھاياتتىن كەتتىم . ئوتلۇق نەپەسلىرىم كۆكرىكىمگە پاتمايۋاتىدۇ بەڭۋاش كۆزلىرىمدىن ئەلەملىرىم ھىلىلا تۆكۈلۈپ كىتىدىغاندەك . شۇ چاغ سىنىڭ يىنىمغا كىلىپ سەن كەتسەڭ قانداق چىدايمەن سەنسىز ياشاش مەن ئۈچۈن ئازاب ئەمەسمۇ دىيىشىڭنى نەقەدەر ئۈمۈد قىلغانىدىم .

بىراق سەن يوق . سەن بىر ۋاپاسىزسەن .شۇنچىلىك پەرۋاسىز خۇددى قەلىب ئىشىكىڭنى مەن چىكىپ باقمىغاندەكلا . خەيىر …سەن مىنى سۆيمەيتىڭ ھازىرمۇ، سۆيىمەن دەپ يۈرگەن چاغلاردىمۇ ئەزەلدىن سۆيۈپ باقمىغان .…

ئەي ،ساددىلىغىم ……



ھۈسەيىن ___ قەدىناسىم

2014-يىل 7-ئاۋغۇسىت


زەئىب مۇھەببەتكە يۈرەك سۆزلۈرۈم



مىنىڭ ھايات مۇساپەمدىكى بىردىنبىر يىگانەم . ماڭا سۆز قىلمىقىڭ قانداق بولۇپ ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ بولدىكىن بۇنى بىلمىدىم …ساداقەت يۇلىدىن چەتنەپ چىقىپ ،ساداقەتمەننىڭ چۆلللىرىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىتىم ئۈچۈن ،ساداقەت يولىدىن سەنمۇ چىقىپ كەتتىڭمۇ بۇنىمۇ ھىچ بىلمىدىم …

ساداقەت زادى نىمە ؟ ئۆز سۆيگۈسىگە بولغان چىن ساداقەتنى ھىس قىلدۇرغان رەببى ئۈچۈن ،چىن ساداقەتتىن كېچىپ ، بارچە ئەقلى بىلەن بارلىقىنى شۇ ھەقلىق بولغان رەببىگە ئامانەت قىلىپ ، شۇ كەچكەن ساداقىتى ئۈچۈن رەببىدىن گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ ، ئوت بولۇپ جىسمىنى كۆيدۈرگەن سۆيگۈنىنىڭ ئوتىنى رەببىنىڭ ئوتى بىلەن ئۆچۈرۈپ ئۇنىڭ ئازابىنى پەقەت رەببىنىڭ سۆيگۈسىلا پەسەيتىپ ، بۇ قۇربنلىق ئۈچۈن رەببىدىن ئاجايىپ ئاجايىپ تىلەكلەرنى تىلەپ ، شۇ كىچىلگەن ساداقەتنىڭ ئىگىسىدىن نى ئۈمۈدلەرنى كۈتۈپ …ئۆزىنىڭ يۈرۈگىنى پارىمۇ پارە قىلىپ ،ئىچىگە ئېغىر ئەلەمنى ئامالسىز يۈتۈپ ، يۈرىگى قان يىغلىسىمۇ يۈزلىرى زورىغا كۈلۈپ ، ھەتتا ئۆز ياشلىغىنى شۇ رەببى ئۈچۈن ياتلارغا مەڭگۈلۈك تاپشۇرۇپ ياشىغىنىم ساداقەتنى بىلمىگىنىممۇ ؟

ئەجىبا مەندە ئۆز نەپسى خائىشىمغا قارىتا سۆيۈشۈش ھوقۇقۇم يوقمۇ ؟ ئۆزۈم ئۈچۈن ياشاش پۇرسىتىم يوقمۇ؟ياكى مەن بۇنى بىلمەمدىم ؟ ئەلۋەتتە بىلەتتىم …!!!ئەمما مەن بۇ دۇنيالىقىمنى ئويلاشنى ئۇنتۇپ كەتكەن قىز ئىدىم …نىمە ئۈچۈن گۈزەل كۆزلىرىڭنى ياش تامىچلىرى ئىگەلللىدى ؟ مەندەك ساداقەتمەننى تاشلاپ كەتكەن قىز ئۈچۈنمۇ ؟زادى نىمە ئۈچۈن مەندەك ساداقەتسىزگە يۈرۈگۈڭنى تاشلاپ كىتىسەن …بىلسەڭ ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ يۈرىگىنى ئىچى ئاغرىماستىن قۇربان قىلىۋەتكەن …ئەگەر ئۇ خالىسا سىنىڭ يۈرۈگۈڭنىمۇ قۇربان قىلىۋىتىدۇ … ئېتقىنا كۆزلۈرۈڭ كۆزلۈرۈمنى ئىزدەمدۇ ؟ مىنىڭ كۆزلۈرۈم ئەمدى كوردۇر سېنىڭ كۆزلۈرۈڭگە قارالمايدۇ ، خۇددى بۇرۇن كۆزلۈرۈڭگە تىكىلىپ باقالمىغاندەك … زادى نەگە كىتىسەن كەتكۈدەك ئارلىقىمىز شۇنچىلىك يېقىنمۇ ؟زادى نىمىلەر ئىچ ئىچىڭنى بۇنچە قىينايدۇ ؟ كۈلكەم بىلەن ساڭا بەرگەن ۋەدە قەسەملىرىمنى قايتىدىن ئويلاپ ماڭا باشقىدىن نەپرەتلەنگىنىڭگە ھەيران قالدىم …ئېتقىنا مەندە بىرلا يۈرەك بار ئىدى ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلغان ئىدىم ئەمدى بۇ سۆزلىرىڭنى قايسى يۈرەككە پاتتۇراي …سېنىڭ سۆيگۈڭ بىلەن خوشال ياشىغان ئىدىم ئەمدى بۇ نەپرەتلىرىڭ ئىچىدە قانداق ياشاي … …ئۇنداقتا مېنىمۇ تەڭ ئېلىپ كەت مەن سۆيگۈ ئىچىدە ئەلللەيلەنگەن نەپرەت ئۈستىدە تاتلىق ئۇخلىيالمايمەن …ئەگەر ئۇخلاپ قالسام بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇيقۇم بوپ قالۇر …مېنىڭ ھەر قاچان ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ يۈرۋاتقىنىمنى ھىس قىلالماي مىنى ۋاپاسىز دەپسەن …بۇ مېنىڭ نەپسىمنى توختۇتۇشقا يىتەرلىك سۆز بولۇپ قالغۇسى،سۆيگۈدىن گۇمان قىلغان سۆيگۈڭ جېنىمنى ئالغۇسى…ئەگەر نەپسىم توختاپ يۈرگۈڭ سەزسە زەئىب مۇھەببەتنى چىن دەپ زار سېلىپ قالىسەن … ئۇچاغدا ئۆزۈڭنى مەڭگۈ كەچۈرەلمەيسەن …ئاللاھ ھەممىمىزگە شاھىت بولسۇن قەلىبلەرنى قەلىبلەرگە يۈرەكلەرنى يۈرەكلەرگە تۇتاشتۇرۇشقا ئۇلۇغ ئالللاھ نىسىپ قىلسۇن ئامىن .

- قەدىناسىڭدىن





383 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 3:49:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ