سۆزلەنمىگەن قىسسە
ئابدۇراخمان ئابدۇللا
ئارىمىزدا بېسىلمىغان بىر قەدەم،
گۈل بەرگىدىن شەبنەملەرنى سىرغىتتى.
سۆزلەنمىگەچ يۈرەكتىكى قىسسەلەر،
كۈز بورىنى ياپراقلارنى ئىرغىتتى.
تۈتەپ-تۈتەپ پىراقىڭدا كۈل بولدۇم،
يالقۇنۇمدا باغرىڭنى چاك ئېتەلمەي.
خازان كەبى كوچىلاردا خار بولدۇم،
سېنى ئىزلەپ مەھەللەڭدىن كېتەلمەي.
ئايۋىنىڭغا ئۇۋا ياسار قارلىغاچ،
مۇھەببەتنى قانىتىدا بەزلەيدۇ.
يىراق-يىراق سۆيۈش ھەمدە سۆيۈلۈش،
يۈرەك سېنى ھەر سوققاندا ئەسلەيدۇ……
| 97 قېتىم كۆرۈلدى | xahturk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-25 14:49:48 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|