كەچۈر ئاتا - ئېلىجان ئابدۇكېرىم

كەچۈر ئاتا
ئېلىجان ئابدۇكېرىم ( بارچۇق ئوغلى )

ياشغانتىم تاغدەك يۆلەك دەپ،
سېنىڭ بارىڭدا جانجان ئاتا.
كېتىپ قالدىڭ تۇيۇقسىز،
يىتىم قالدىم پاسبان ئاتا.

دەرد ئەلەمدە يۈركىم يىغلار،
قىلغان ئەجرىڭ يادىمغا كەلسە.
باقتىڭ مېنى مەن باقالمىدىم،
قالدىم بۈگۈن پۇشايمان دەردكە.

ماڭا ئەمدى باردۇر نەچارە،
ياش تۆكمەسكە ئىلاجىم قانچە.
ئەركە ئىدىم سېنىڭ بارىڭدا،
پۇشايماندا تۇرمەن غەمدە.

يۈرەكىمنى ئەزدى پۇشايمان،
سەن ئىكەن سەن ماڭا پاسبان.
مەن ئۆمرۈمدە ساڭا قەرىزدار،
كەچۈر مېنى كەچۈر ئاتجان.

پىكىر تەلەپ ئۈندىدارى:2318334127





133 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 9:37:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ