ياندى قايتا ئۆچكەن ئوتلىرىڭ
ئەخەتجان مۇھەممەت ( دانىش )
قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدا ،
يۇشۇرغان ئەڭ پىنھان كويۈكلىرىمنى،
ئۇزاتقان ئەڭ بۈيۈك بەختىڭنى تىلەپ ،
يوللۇق قىپ ئەڭ ئۇلۇغ تىلەكلىرىمنى ،
يۇشۇرغان ئەك ئىغىر ھىجرانلىرىمنى،
ئەڭ ئىغىر دەملەردە سەۋىرنى يۇتۇپ ،
ئۇنۇتقان مىڭ دەردتە ئەجەپ بىر سىنى ،
ئازاپتا ، پىغاندا ، مۇڭلىنىپ تۇرۇپ ،
ھىجرانلىق دەملەرنى ئۇزۇتۇپ تىخى ،
مەن بەخىت لىۋىگە يەتكەنتىم بۈگۈن ،
ئۇچۇرشۇپ قالغاندا ئىككىمىز شۇدەم ،
يۈرەكلەر تىترىدى ،تۇغۇلدى تۈگۈن ،
ئىللىتىپ قەلبىمنى بىر شىرىن سىزىم ،
ياندىغۇ قايتىدىن ئۆچكەن ئوتلىرىڭ ،
ئۇنتۇلۇپ بىردەمدە ئازاپلىق ئۆتمۈش ،
باھارغا ئايلاندى ، سالغان جۇدلىرىڭ،
ئىرادەم شۇمىدۇر ، ياكى تەقدىرمۇ ،
قەلبىمدە بىر چوغنى ساقلاپ كەپتىمەن ،
ھەممىنى تەلتۆكۈس يوقاتتىم دىسەم،
ئۇنۇتۇپ ،ھەم يەنە ئەسلەپ كەپتىمەن ،
قاغىلىق 2017.يىل .2.ئاينىڭ 26.كۈنى
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ
| 39 قېتىم كۆرۈلدى | kapitan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-1 2:57:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|