مەشۇقۇمغا - ئ‍ابدۇراخمان تۇنىياز

مەشۇقۇمغا 

ئ‍ابدۇراخمان تۇنىياز(كارۋان)


 ھۆسنىڭىزگە ھۆسىن قوشقان ئ‍ەي دىلرەبا،
گۈزەل ئ‍ەخلاق باغاش ئ‍ەتكەن شەرمى-ھايا·
سىڭىپ كەتكەن جىسمىڭىزغا ۋىجدان غورۇر،
بۈيۈك قىلغان قەلبىڭىزنى ئ‍ىلىم-ساپا·

دوسىتقا سادىق سەمىمى ساپ دىلخانىڭىز،
لىباس كىيگەن چىن ئ‍ېتىقاد سۇلتانىڭىز·
ھەر ئ‍ەركەكنى ھېيىقتۇرۇپ يەر ئ‍استىدىن،
بىر بېقىشقا ئ‍ورۇن بەرمەس نۇر چېھرىڭىز·

تېپىلمايدۇ ھەر ئ‍ىنساندا سىزگە ئ‍وخشاش،
چىن ئ‍ىخلاسقا تولغان سۆيگۈ ئ‍وتلۇق مېھىر·
سىزگە مۇڭداش تەبىئەتتە ھەر بىر تىنىق،
باردۇر شۇڭا كۆزىڭىزدە بىر خىل سېھىر·      





35 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ابدۇراخمان تۇنىياز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-12 2:13:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ