ئانا ماكانىم - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

  ئ‍انا ماكانىم  

  ئېلىجان ئابدۇكېرەم  بارچۇق ئوغلى

ئ‍ۇيغۇرلار بوستانى بۇ،
ئ‍ەجداتلار داستانى بۇ،
ئەۋلادلار ئ‍ىزناسى بۇ،
ئ‍انىدۇر ھەممىگە بۇ بۈيۈك تۇپراق.

بۇ مېنىڭ تۇغۇلغان كۆكلىگەن جايىم،
ياشلىقىم گۈللىگەن پەسلى باھارىم.
چوڭ قىلىپ ئۆستۇرگەن ئ‍ەزىز دىيارىم،  
ئ‍انامنىڭ قوينىدەك ئ‍انا ماكانىم .

ئۆستۈردى بىزلەرنى ھەردە يىتىشكەن،
ئ‍ىلىمدە-بىلىمدە  ھۈنەردە يەتكەن.
دۇنيادا ئ‍انىدىن ئۇلۇغ زات يوقكەن ،
جان ئ‍انام باغرىدەك ئ‍انا ماكانىم.

قەشقەر ،دەپ ھەر يەرگە نامى بار داڭلىق ،
خۇش پۇراق پۇرايدۇ باغرى ھاۋالىق ،
سەيلىگاھ باغلىرى شۇنچە خۇمالىق،
ئانامنىڭ ئ‍اق سۈتىدەك ئ‍انا ماكانىم .

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار 2318334127
     





48 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-26 21:22:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ