ئىزىلگەن قەلىپ
پەرھات
خۇشپۇراق گۈل ئىدىڭ مەزلۇم گۈللۈرۈم ،
ھاياتقا رەڭ بەرگەن كۆزلەر قاماشقان .
بىلمىدۇق ھاياسىز،بولدۇڭمۇ بۈگۈن ،
ناشايان يوللاردا ئېزىپ ئاداشقان .
مەسئۇليىتىمىز بار ئىدى بىزنىڭ ئەركەلەر ،
مەزلۇمە گۈللەرگە ئاكا بۇلۇشتىن.
باسسا ھەم شۇ يولنى نەفسىگە ئېزىپ ،
ئەي سىڭلىم بۇ يولدىن يانغىن دىيىشتىن.
تۇسالماي ئۆتەمدۇق ئۇيۇننى كۆرۈپ ،
بىزمۇ تەڭ نەفسىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ .
توسايلى قىزلارنى قاپاق تۈرسىمۇ ،
بىر تۇققان قېرىنداش،سىڭىلدەك كۆرۈپ .
بەلكىم ئويلۇدۇم شۇ قىزلارنىڭمۇ ھەم ،
شۇ يولغا ماڭغۇسى يوق ئەركەكلەر بولسا .
شۇ يولغا مېڭىشقا ئىمكان بەرمەستىن ،
ۋىجدانى بۇرچى بىلەن ئەمرىگە ئالسا .
قىزلارمۇ ئىگەرمىدى مەزمۇت قەددىنى ،
ئەركەكلەر ئويغانسا زەئىپ ئۇيقۇدىن .
ئاجىزە يارالغان مەزلۇم گۈللەرمۇ،
سۇغۇرۇلسا ئەركەكنىڭ ۋىجدان بۇلىقىدىن .
ئاپتۇرى : پەرھات
| 25 قېتىم كۆرۈلدى | پەرھات | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-27 10:45:29 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|