ھاياتىڭ ئۈمۈتكە تولغان مۇئەللىم

‏ھاياتىڭ ئۈمۈتكە تولغان مۇئەللىم

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏(بارلىق مائارىپچىلارنىڭ قۇتلۇق كۈنىگە)

 

 ‏ ‏ھاياتىڭ ئۈمۈتكە تولغان مۇئەللىم،

 ‏ھەر كۈنى سەبىيلەر ئۇتىدا كۆيۈپ.

‏ئاقىسەن غۇنچە دەپ ئېقىن،دەريادا،

 ‏بەللىرىڭ قالسىمۇ ھەتتا مۈكچۈيۈپ.

 

 ‏ ‏ئۆتسىمۇ كىرەكلىك قەرەل ۋە پۇرسەت،

 ‏ئۇيقۇدىن بىدارسەن كىچە-كېچىلەپ.

 ‏رەڭگارەڭ نۇر تۆكەر ئەجرىڭ مىۋىسى،

 ‏بىرەھىم دەۋراننى كۈچۈنۈپ سۆرەپ.

 

 ‏ ‏كېلىدۇ ئىزىڭدىن يىتۈك شاگىرتلار،

‏كېلىدۇ ئەجرىڭنىڭ ئەمگەك مىۋىسى.

 ‏كېلىدۇ ھاياتنىڭ چۈشلىرى بىلەن،

 ‏ياراتقان بەختنىڭ ئۈنسىز ناخشىسى.

 

‏ ‏ھاياتىڭ ئۈمۈتكە تولغان مۇئەللىم،

 ‏تەرىڭدە،كۆز ياشتا سىزغاچ كۈلكىنى.

 ‏كۈلكەڭدىن سەبىيلەر ئىلھاملار ئېلىپ،

 ‏سېزىدۇ كېلەچەكتە يارقىن سەھەرنى.

 

‏ ‏2015-يىل10-سىنتەبىر باي چوڭكۆۋرۈك





159 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-10 1:23:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ