ئاتاڭ يوقكەن
رەخمەت ئابدىرىشىت
بىساتىڭ چەككە يەتكەندە سانار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن،
ھاياتىڭدا ئۈمۈت نۇرى يانار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
بىشىڭدىن قانچىلاپ ئۆتتى تۇمۇز ۋە قار جۇدۇن پەسلى،
مانا شۇ جۇدۇنغا ئات سالار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
بالاڭغا بەرگىنىڭ ھالۋا، ھەسەل ھەم قىيام ،شەربەت،
يىكەندازدە سۈرۈپ راھەت ياتار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
ئايالىڭنىڭ قۇلى ئالتۇن تاۋار دۇردۇنغا يىپىندى،
يىپىنچاڭدىن زەررىچە راھەت ئالار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
قۇتاندا پاقلىنىڭ تەييار گىلىڭ مايغا چىلاشقانغا،
ئەشۇ پاقلانغا خەنجەرنى چاپار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
نىمە مەنا ئاتاڭ يوق ھويلىدىن كۆتۈرلدى چاڭ توزاڭ،
ھايات مەناسىدىن شۇ تاڭ ئاتار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
ئىتىز باشىدا ياڭرايدۇ ئاتاڭ ئىيتقان ئىسىل نەغمە،
ئاتاڭ ئۈچۈن ساما،مەشرەپ چالار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
ئاتاڭنى ئەسلىتەر ھەرچاغ قىرىپ قالغان قۇلۇم قوشناڭ،
بۇلۇپ ئاتاڭغا يان تاياق ماڭار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
ساڭا سۆزلەيدۇ ھىكايە ئاتاڭ باسقان چىغىر يوللار،
ئوتۇننىڭ ئورنىغا كۆمۈر قالار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
ئۇنۇڭ ھەمرايى قوش ھارۋا سەپەردە قىينىلار ھەپتە،
ماشىناڭدا شۇيول تامام بارار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
مانا ئەمدى ئۇنى يالغۇز قويدۇڭ قەبرە گاھلىققا،
بىرىپ مازارغا مىڭ مەرتەم ئىنتىزار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
يىشىڭ ئاقتى تالاي قانچە ئاتاڭنى ئەسلىدىڭ يىغلاپ،
ئاتاڭنى ئەل قاتارىدا سانار چاغدا ئاتاڭ يوقكەن.
25 قېتىم كۆرۈلدى | rahmat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-30 6:42:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|