تۇتقۇنىڭ نىداسى (نەسىر) - ئابدۇقەييۇمجان

تۇتقۇننىڭ نىداسى
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
(نەسىر )
( بەخىتتىكى نىدا )


مەن سېنىڭ سۆيگۈڭگە تۇتقۇن . بىلەمسەن جىنىم ، بىز ئۇچراشقان شۇ مىنۇتلار ھىلى ھەم ئىسىمدە ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىسىلىقىڭغا قوشۇلغان نازلىقىڭ مىنى ئۆزىگە رام قىلغان . بىلمىسەڭ كېرەك ، مەن ئىلگىرى ئازاپ دولقۇنلىرىنىڭ تۇتقىنى ئىدىم ، سەن ئازاپنىڭ قاتمۇ-قات قورغانلىرىدىن شۇ ئاجىز تىنىڭ بىلەن مېنى ئىلىپ چىقتىڭ ، شۇ كۈندىن باشلاپ مەن سۆيگۈڭنىڭ تۇتقىنىغا ئايلاندىم .
مەن سېنىڭ خىيالىرىڭغا تۇتقۇن . بىلەمسەن جىنىم ، مەن سۆيگۈڭنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلانغان شۇ دەمدىن باشلاپ خىيالىرىمدا بىر سەنلا ، تۇرمۇشۇم ، تىنىم ، ھۇجۇدۇم ، روھىيتىم بىر سەن ئۈچۈن ، بىر سەن ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ جىنىم . خىيال ئەينىكىمدە بىر سەنلا زاھىر بولىسەن ، خىيالىرىم دولقۇنلىغاندا ھىسلىرىم بىر ساڭا تۇتقۇن بولىشقا باشلايدۇ .
مېنىڭ ھىسلىرىم ساڭا تۇتقۇن . بىلەمسەن جىنىم ، خىيالىرىم ساڭا تۇتقۇن بولغان ئىشبۇ ۋاقىتىن باشلاپ ھىسلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ ساڭا تۇتقۇن بولدۇم . خىيالىرىمنىڭ ، روھىيتىمنىڭ ھىسلىرىدا بىر سەنلا بار جىنىم . شۇ تاتلىق ھىسلىرىم ھىسلىرىڭ بىلەن قوشۇلۇپ بەخىت قەسىدىسىنىڭ ئىشىگىنى چىكىدۇ .
مېنىڭ بەخىتلىرىم ساڭا تۇتقۇن . بىلەمسەن جىنىم سەن مېنى ئازاپ چاڭگالىرىدىن قۇتۇلدۇرغان ، شۇ ۋاقىتلادا « بەخىت » دىگەن بۇ سۆزنى مويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان مەن بەخىت نىسىۋىسىدىن رىزىقلىنىۋاتىمەن . بۇلارنىڭ ھەمىسى شۇ سۆيگۈڭنىڭ قۇدۇرتى جىنىم . بىلىمەن مەن ساڭا بەخىت ئاتا قىلالمايدىغىنىمنى ، بىلىمەن مەن ساڭا ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدىغىنىمنى ، بىلىمەن مەن ساڭا دۆتلىكۈم تۈپەيلى رومانتىك تۇرمۇش ئاتا قىلالمايدىغانلىقىمنى ، بىلىمەن مەن ساڭا نامراتلىقىم تۈپەيلى ھىچ نەرسە ئىلىپ بىرەلمەيدىغىنىمنى . لېكىن
سەن شۇ ئىسىلىقىڭ بىلەن جىدەل قىلمايسەن .سېنىڭ شۇ ئىسىلىقىڭغا كۈندىن كۈنگە قەرىز بولىۋاتىمەن جىنىم . بىلىسەن ، مېنىڭ بۇ قەرىزلىرىڭنى قايتۇرۇشقا قۇربىتىم يەتمەيدۇ ، ھازىر  پەقەت ساداقەتمەنلىك ، سۆيگۈم ئارقىلىق قايتۇرالايمەن .
مەن سېنىڭ سۆزلىرىڭگە تۇتقۇن .
بىلەمسەن جىنىم ، مەن سېنىڭ شۇ يۈرۈگۈمگە ئوزۇق بولغۇچى ، شەربەت كەبىي شۇ سۆزلىرىڭگە تۇتقۇن . سېنىڭ ئىغىزىڭدىن چىقان شۇ بىر تاۋۇش سۆزلىرىڭ ماڭا مەلھەم . مېنىڭ زەئىپ تىنىم سېنىڭ شۇ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىمىسا ، بولدى شۇ ئۇيقۇ مەن ئۈچۈن ھارام . بەلكىم بۇ شۇ ساماۋى سۆيگۈنىڭ قۇدۇرتى بولسا كېرەك .
لېكىن ، مەن يەنە ئازاپلىرىڭغا تۇتقۇن ! جىنىم ، كۈندىن كۈنگە يىقىنلىشىۋاتقان شۇ پىغانلىق ئايرىلىش يۈرۈگۈمنى لەختە - لەختە قىلىپ قىنىماقتا . مۇشۇ كۈنلەردە تەڭرىدىن ، بىر قۇدرەتنى پەقەت ۋاقىتنى توختىش قۇدۇرتىنىلا تىلەيدىغان ، شۇ بەختلىك مىنۇتلارنى بىر ئىزىدا تۇتۇپ قىلىشنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم ، بىلىمەن ، بۇ بىر ئەخمەقلىق ، لېكىن شۇ ئايرىلىشنىڭ پىغانى ئالدىدا مەن بۇ ئەخمەقلىقنى قىلىشقا مەجبۇر . جىنىم سەن بىلمەيسەن ، مەن جەندە - كۇلا كېيىپ ، دىۋانە بوپ تىلەمچىلىك قىلىش بەدىلىگە ، سېنى شۇ بەخىتنىڭ ياپراق لىباسىدىن ياساندۇرۇپ ، ئالتۇن تەختىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ ، ئالدىڭدا نىمكار بوپ ياشاشقا رازى ئىدىم .
كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ ، شۇ پىغان تىنىمنى ، روھىمنى ، ھۇجۇدۇمنى قىناۋاتىدۇ ....
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589
2017-يىلى 4- ئاينىڭ  9- كۈنى ، يەكشەنبە ، كەچ ، ئۈرۈمچى
     





126 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 5:31:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ