قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ

قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ

 

يۇمۇرچى

 

قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،

 ‏چاندۇرار ئۇ قېرىلىقىمنى.

‏نەۋقىران شۇ گۈل ياشلىغىمدىن،

‏ئاللىبۇرۇن نېرىلىقىمنى.

 

‏ ‏قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،

 ‏ئەسلىتەر ئۇ پىغانلىرىمنى.

 ‏ياشلىقىمدا ھەر كويغا سالغان،

 ‏نازىنىن قىز-جۇۋانلىرىمنى.

 

 ‏ ‏قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،

 ‏ئۇندا باردۇر ئاچچىق ساۋاقلار.

 ‏دوسلۇرۇمنىڭ ھېسداشلىق يېشى،

‏دۈشمەنلىرىم چالغان چاۋاكلار. ‏

 

 ‏قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،

‏يوشۇرمايدۇ ئەسلا ھەممىنى. ‏

قورۇقلىرىم ئەسكە سالاركەن،

 ‏بۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق تەمىنى.

 

 ‏ ‏قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،

 ‏ئۇندا شۇنداق قايغۇ مۇجەسسەم.

 ‏يېرىم ئۆمرۈم يېڭىلىش ئىكەن،

 ‏ئەمدى قانداق بولاركىن ئەتەم؟! ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏





146 قېتىم كۆرۈلدى yumurchi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-23 16:12:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ