پۇشايمان (شېئىر) - ئەھەت سالىھ

پۇشايمان
ئەھەت سالىھ

سورىمىغىن بۇرادەر، بارمۇ پۇشايمان سەندە دەپ،
پۇشايمىنىم يىقىنغا يار بولالماي قالغىنىم.
دوستقا ھەمراھ ھەرقاچان، قائىدىمىز شۇنداق دەپ،
كۈلپەت چۈشسە بىشىدا بار بولالماي قالغىنىم،

تەڭسىزلىكلەر ئۇچرىسا، يۇپۇرۋىلىپ قۇلاقنى،
ھەقكە كەڭرى، ناھەقكە تار بولالماي قالغىنىم.
ئانام كۆيسە مەن ئۈچۈن بىرىپ بارۇ ئوتىنى،
مەنچۇ؟ بىر رەت مىھرىگە زار بولالماي قالغىنىم.

ياخشى يوللار تۇرسىمۇ، ئىز سالماستىن بىرىگە
ئەلگە ياغقان بەركەتلىك قار بولالماي قالغىنىم.
شەيتان كەلسە دىلىمغا، ئازدۇرماققا نىيەتنى،
تەڭ يۈگۈرەپ كەينىدىن, ئار بولالماي قالغىنىم.

ئۇچتى بۈركۈت كۆك تامان، غەپلەتلەردىن ئويغۇنۇپ,
ھىچ بولمىسا مەنمۇ بىر سار بولالماي قالغىنىم.
ساۋاپ ئۈچۈن بىر كۆچەت پەرۋىشىگە ئاجىزمەن،
ئەلگە مىۋە بىرەرگە باغ بولالماي قالغىنىم.


2017.2.5
     





15 قېتىم كۆرۈلدى salik ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-20 22:20:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ