بالىلىقنى ئىزدەش(چاچماشېئىر)
مەريەمگۇل تاشمەمەت
1
بالىلىق
سەن
سەبىيلىك ھەم بىغۇبارلىق
مۇجەسسىمى
سەن
تۇنجى قەدەم
تۇنجى كۇي
بارلىق تۇنجىلارنىڭ
مۇقەددىمىسى،
سەن
يارقىن ھاياتنىڭ
ئەڭ
گۇزەل
ئەڭ
ياڭراق
مىلۇدىيىسى.
2
قالسىمۇ بەڭباشلىغىم
يىللار قۇينىدا
كەتمىسە ئىدى
بالىلىقىم
ئالدىراڭغۇ
ۋاقىت قۇلىدا،
ئەپسۇس
ئۇ كىتىپ بۇپتۇ
تاشلاپ
بالىلىق ھىسلىرىمنى
يىراق
دالىدا
3
قار
ياغقان دالىدىن
چانا
تىيىلغان بالىدىن
بالىلىقنى
سۇرۇدۇم
بۇلاقلارنىڭ يىنىدىن
ئىزلىرىمغا
قارىدىم
ھىلال ئاينى
ئات
قىلىپ
بالىلىقنى
ئىزلىدىم
4
بىلمىدىم
ئالغانمۇ ئۇنى
باھار
شامىلى
ئىللىق
قۇينىغا
ياكى
قىچىپ كەتىمۇ
ئەركە دىڭىز
ساھىلىغا
كۇزنىڭ ئالتۇن
يۇپۇرمىقى
بىلەن
سىڭىپ كەتىمۇ
تۇپراق
قۇينىغا
شۇخلۇق
قىلىپ
مۈكۇۋالغانمۇ
يا
قارلىق
دالىغا
5
ئۈمۇدلۇنۇپ
باقتىم يەنە
بالىلىقا
ئارقامغا
بىز
تەرگەن
گۇلدەستىنىڭ
بەرگىلىرى
تۇزۇپتۇ
بىز چۇمۇلگەن
دەريالار
يىراقلارغا
ئىقىپتۇ
بىز
ئۇينىغان
شۇخ ئۇيۇن
ئەمدى
تۇگەپ كىتىپتۇ
ئەمدى تاپتىم
بالىلىق
(كەلمەيمەن)دەپ كىتىپتۇ.
| 137 قېتىم كۆرۈلدى | maryamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-18 20:48:06 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|